يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇر ماركىلىرىدىن باشقا چەتئەللەرنىڭ تۈرلۈك ماركىلىق يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرىنىڭ ئىستىمالى ئالاھىدە ئاشماقتا، ئۇيغۇرلار ئىستىمالىدىكى رەڭگا - رەڭ قۇۋۋەت دورىلار ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرى ھالالمۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن بولۇپمۇ ۋىتامىن تۈردىكى كاپسۇللۇق دورا ۋە ساغلاملىق قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقى مەلۇم بولماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل تۈردىكى ساغلاملىق يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ تەركىبىدە، ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىدىن باشقا كەم بولسا بولمايدىغان يەنە بىر خىل ماتېرىيال بار، ئۇ بولسىمۇ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن بىر بولغان «سۆڭەك يېلىمى» (骨胶گۇجياۋ) دىن ئىبارەت. گەرچە سۆڭەك يېلىمىنىڭ يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا سىلىقلاش،، تۇراقلاشتۇرۇش، قېتىشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.
ئىگىلىشىمچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى، ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ۋىتامىنغا بولغان ئېھتىياجمۇ ماس قەدەمدە ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلار، ئالاھىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇھىتىدىكى كىشىلەر، كېسەللىكتىن ساقىيىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن ۋە قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشىمۇ ئومۇملىشىشقا باشلىغان.
ھالبۇكى، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە بازاردىكى قۇۋۋەت ۋە ساغلاملىق يېمەكلىرىنىڭ ھالاللىق ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىدىن شۈبھىلەنمەكتە.
ئەمما يەنە بەزىلەر ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن ياكى ساتقان نەرسىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن «مۇسۇلمان بولغاندىكىن ئالدىمايدىغۇ ؟!» دەپلا ئىشىنىپ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىنى سۈرۈشتە قىلمايدىكەن.
ۋىتامىن بولسا ئورگانىزمنىڭ نورمال ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ساقلاشتا زۆرۈر بۇلغان بىر تۈرلۈك ئورگانىك بىرىكمە. ۋىتامىن دورىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار بەدەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار ئىستېمالىدىكى تۈرلۈك ۋىتامىن ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئىشەنچلىك «ھالال» مىدۇ؟
بىز بۇ سوئالنى ئۇيغۇر ئېلىدە ساغلاملىق قۇۋۋەت دورىلىرى ۋە يېمەكلىرى سودىسىنى ئاساس قىلغان بىر شىركەتنىڭ دىرېكتورىدىن سوراپ كۆردۇق، شىركەتنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قېلىش شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى، ھەتتا ئۆزلىرى بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ماركا چاپلانغان ۋىتامىنلارنىڭمۇ خۇرۇچلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ھالال ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىشىدىكى سەۋەب، ئۇيغۇر ئېلىدە يېشىل ياكى ھالال خام ئەشيا قىلىنغان كاپسۇل ياساش تېخنىكىسى بار بىرمۇ زاۋۇت يوق بولۇپ، كاپسۇللۇق دورا ياكى ۋىتامىنلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا تايىنىشقا مەجبۇر ئىكەن.
بۇ ھەقتە ئۈرۈمچىدىكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىمنىڭ جاۋابلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىتامىن ۋە قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ ھالاللىقىغا بولغان شۈبھىسىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ دەلىللىدى.
بۇ خادىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ۋىتامىن ياكى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلىتىلىدىغان تۇراقلاشتۇرۇش ۋە قېتىشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان سۆڭەك يېلىمىغا ئوخشاش ھەر خىل خۇرۇچلار ئەسلىدىكى خام ماتېرىيالنىڭ خورىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ شۇنداقلا مەھسۇلات ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتكە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، يېمەك ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ مۇھىم ھالقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان تېخنىكا تېخى ئۇيغۇر ئېلىدە بولمىغاچقا، خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇيغۇرلار ئىستېمالىدىكى قۇۋۋەت دورىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى ياكى يېمەكلىكلەردە مۇسۇلمانچە (ھالال) بولمىغان تەركىبلەرنىڭ قېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەس. گەرچە بۇ جەھەتتە شۈبھە بولسىمۇ، ئىستېمالچىلاردىن باشقا سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىمۇ مەسىلىگە سەل قاراپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئىلگىرى بىر قانچە يىل ئىلگىرى لىنشياڭ شەھەرلىك مۇسۇلمانلار تەشۋىقات كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «مۇسۇلمانلار ئىستېمالدىكى ھارام يېمەكلىكلەر» ناملىق ماقالە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە كەڭ تارالغان ئىدى.
ئۇنىڭدىمۇ يۇقىرىقى مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدە، تيەنجىن شەھىرىدىكى مۇسۇلمان نۇرۇنجى نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىتلىرىغا ئاساسەن، ھازىرقى جەمئىيەتتە تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال - ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارغا تولۇپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، مۇسۇلمانلار سەمىگە ئىستېمال قىلىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان بىرىنچى چوڭ مەسىلە، «سۆڭەك يېلىمى» (骨胶گۇجياۋ) دەپ كۆرسەتكەن.
سۆڭەك يېلىمى بولسا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يېلىم.
0:00 / 0:00