گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارنى كۈچلۈك تەقىب ئاستىغا ئالغان ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدە ئېغىر تەھدىتلەرنى سېلىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھاجىلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ بولالمىدى. بۈگۈن ئۆمەك تەركىبىدىن يوشۇرۇنچە چىقىپ، بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا غىزالانغان ئىككى ئۇيغۇر ھاجى، ھەج سەپىرىدە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى رېستوران خوجايىنىغا سۆزلەپ بەرگەن، بۇ جەرياندا ئۇلار كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان. ھەج ئۆمىكىدىكى بىر تۇغقىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۆمەك تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا كىرىشكە ئۇرۇنۇپ باققان ۋە نەتىجىسىز قالغاندىن كېيىن، ئەتراپنى 10 نەچچە سائەت كۆزەتكەن بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرمۇ، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ھاجىلار ئارىسىدا ئەڭ بىچارە ھالەت ۋە چۈشكۈن كەيپىياتتا ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغان.
ئىسلامدىكى 5 پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادىتى ئىسلامى ماتېرىياللاردا «ئەڭ ھېكمەتلىك، ئەڭ سەلتەنەتلىك، ئەڭ كۆركەم بىر ئىبادەت» دەپ تەرىپلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىبادەتنىڭ جەريانى ھاجى نامزاتلىرى كۆڭۈللىرىگە ئارامبەخش، كەيپىياتىغا ئۈستۈنلۈك، روھىغا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلغان. نۆۋەتتە مۇسۇلمان دۇنياسىدىن ھەج ئىبادىتى ئۈچۈن سەئۇدىغا يېتىپ كەلگەن 2 مىليون كىشى بۇ قۇتلۇق ئىبادەتنىڭ شۇ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقان پەيتلەردە، گۇۋاھچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر ھاجىلار، خاتالىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، يەنى يۇرتىغا قايتقاندا تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تۈرمىدە يېتىشتىن ساقلىنىشنىڭ كويىدا كۈن ئۆتكۈزمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، كۈن بويى مېھمانخانىغا سولىنىپ قالغان، مەككىدىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدىن قۇتۇلالمىغان ھاجىلاردىن ئىككى نەپىرى بۈگۈن مېھمانخانىدىن ئوغرىلىقچە چىقىپ، بىر ئۇيغۇر رېستورانىدا غىزالانغان. ئۆزلىرىگە سېلىنغان تەھدىت ۋە بېسىمنى تىلغا ئالغاندا كۆز يېشىنى تۇتالمىغان بۇ ئىككى كىشى، ئەگەر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ ئايرودرومغا چۈشكەندىلا تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ھەر يىلى ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، بىر يىللىق تۇرمۇش خىراجىتىنى قامداپ كېلىۋاتقان، بىر رېستوران ساھىبى بۇ يىل بۇ تىجارەتتە 30 مىڭ رىياد زىيان تارتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مۇھاجىرلاردىن بىرى، ئۆز يۇرتدىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن خېلى تىرىشقاندىن كېيىن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە مۇۋەپپەق بولغان، ئەمما دىدارلىشالمىغان. ئۇ، بۇ سۆھبەت داۋامىدا ھاجىلارنىڭ يۇرتتىن چىقىشتىن ئاۋۋال مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك ھەققىدە بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان. كېلىشىمدە، ئۆمەك بەلگىلىگەن رېستوراننىڭ سىرتىدا بىر قېتىم تاماق يېسە يۇرتقا قايتقاندا 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، باشقا قائىدىلەرنى بۇزسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ھاجىلار، ئۇقۇشماستىن ئۇيغۇرلار ئاچقان دۇكانلارغا كىرىپ قالسا، كەيپىياتىدا جىددىيلىشىش ۋە ھودۇقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. بىر ئۇيغۇر دۇكاندار دۇكىنىغا كىرگەن ئۇيغۇر ھاجىلارنى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارغا خىتايچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ھاجىلار، ئۆزلىرىنى ئۆمەك باشلىقلىرىغا گۇناھسىز كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قوپال مۇئامىلىلەردە بولغان. مەككىدە يەنە، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئۇيغۇر تاكسىچىلارنىڭ تاكسىسىغا ئۇقۇشماي چۈشۈپ قېلىش ۋە شوپۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇقى بايقالغاندىن كېيىن، تاكسىدىن چۈشۈۋېلىش ھادىسىسى بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەن.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەققىدە مەككىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر خىل ھېكايىلەر ئېغىزدىن- ئېغىزغا تارقالماقتا. دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ھەج ئۆمىكى تەركىبىدە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرى بىر دۇكانغا كىرىپ زوراۋانلىق قىلغان چېغىدا ئۇيغۇر دۇكانداردىن دەككىسىنى يېگەن.
بۈگۈن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە دۇنياسى ئاگېنتلىقىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن ھەجدىن توسىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئىنگلىزچە ماقالە ئېلان قىلغان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، مۇھاجىر ئايدىن ئەنۋەر، ئۆز ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقىنىغا ئوخشاش، چەتئەللەردىمۇ كۈچلۈك تەقىب ۋە تەھدىتلەر سەۋەبىدىن ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە راست گەپ قىلىشقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن.
0:00 / 0:00