سابىق دىپلومات كېرەم: خىتاي ھەج پائالىيىتىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى ئۈچۈن يولغا قويغان

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىسلام دىنىي تارىخىغا ئائىت مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فايسال كۆپ قېتىم مىسىر پرېزىدېنتى ناسىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي بىلەن سۆزلىشىپ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىشى ئارقىسىدا، 1955-يىلى 8-ئايدا خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن تۇنجى قەدەمدە 20 كىشى ھەجگە بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق ھەج ئۆمىكى بولسا 1956-يىلى بۇرھان شەھىدىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 37 كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

خىتايدىن 1955-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 132 كىشى ھەجگە بارغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، خىتايدا باشلانغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى تەسىرىدىن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، 1978-يىلى خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى ئارقىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشى يولغا قويۇلغان. ئىسلاھاتتىن كېيىن 1979-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاينىڭ ھەج ئۆمىكى مەككىگە بارغان.

ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا 1985-يىلى تۇنجى قەدەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىشى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى ھەج پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز كىشى تاش يول بىلەن قەشقەر ئارقىلىق پاكىستانغا بېرىپ پاكىستاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىر شىۋېتسارىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، 1985-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن ھەج ئۆمىكىگە ئىنگلىز تىلى تەرجىمانى بولۇپ ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە 1986-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا 3-دەرىجىلىك كاتىپلىق ئۇنۋانى بىلەن دىپلوماتىيە ۋەزىپىسىدە بولغان سابىق دىپلومات كېرەم شەرىف بىلەن شۇ قېتىملىق ھەج پائالىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.