ئۇيغۇر رايونىدىن ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ قاتتىق نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا
2017.08.28

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇرلار يىللاردىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتۇلماقتا. ئىلگىرىكى يىللاردا ھاجىلارنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن بولسا، ئۆتكەن يىللاردا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى، بۇ يىل ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلەنگەن، ھەتتا بەزى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ھەجگە كەلگەنلەر، بۇ چەكلىمىگە ئەمەل قىلماي قالسا، يۇرتىغا قايتقاندا 3-5 يىل ئارىسىدا كېسىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىللىق ھەج ۋاقتى 30-ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىپ 5-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئەلجەزىرەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەج ئىبادىتىگە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 2 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندونېزىيەدىن 221 مىڭ، پاكىستاندىن 179 مىڭ، ھىندىستاندىن 170 مىڭ، بېنگالدىن 127 مىڭ، تۈركىيەدىن 70 مىڭ ۋە نىگېرىيەدىن 70 مىڭ بولۇپ، ھاجىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇشۇ دۆلەتلەردىن تەشكىللىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن بۇ يىل ھەجگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى 12800، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 1/4 قىسمىنى، يەنى 3000 غا يېقىنىنى ئۇيغۇرلار تەشكىللەيدۇ. نوپۇسىغا نىسبەتەن تولىمۇ ئاز سانىلىدىغان بۇ ئۇيغۇر ھەج نامزاتلىرىنىڭ، ھەج ئىبادىتى داۋامىدا باش كەچۈرىدىغانلىرى تېخىمۇ ئۆزگىچە. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇزۇن بىر مەزگىللىك تاللاش ۋە شاللاشتىن كېيىن بېكىتىلگەن ھاجى نامزاتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆتكەن ھەپتىلەردىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاياق باسقان.
بىر ھەپتىدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، بۇ يىل ھەجگە كەلگەنلەرنىڭ بۇلتۇر ۋە ئالدىنقى يىللىرىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رادىئومىزغا بۇ ھەقتە ئىنكاس يوللىغان، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەخمەت مۆمىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ھاجىلار، ئۆمەك يېتەكچىلىرى بەلگىلەپ بەرگەن ياتاقتىن سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇلمىغان، ئەگەر جىددىي بىر ئېھتىياج بىلەن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، 4-5 كىشى بىر-بىرىگە مەسئۇل بولغان ھالدا سىرتقا چىققان؛ ئەمما سىرتقا چىققاندا ئۆمەك سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر بىلەن ئۇچراشماسلىق، ئۇچرىشىپ قالسا سالام بەرمەسلىك ۋە سالىمىنى ئىلىك ئالماسلىق تەلەپ قىلىنغان.
بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.
بىز ئارقىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدۇق.
رادىيومىزغا يېزىلغان بىر ئىنكاستا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ ئۆزى خالىغان ئاشخانىدىن تاماق يىيىشىمۇ چەكلەنگەن؛ ئۇلار تۇڭگان ھاجىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆمەك بەلگىلەپ بەرگەن نامەلۇم بىرلا ئاشخانىدىن غىزالانماقتا.
ئۇلارنىڭ ناشتىلىقىنىڭ شىفەن يەنى سۇدا پىشۇرۇلغان گۈرۈچ قاتارلىق خىتاي ۋە تۇڭگانچە تاماقلار بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما ھەج ئۆمكىنى يېتەكلەپ كەلگەن كادىرلارنىڭلا ئارىلاپ بەلگىلەنگەن ئاشخانىنىڭ سىرتىدا تاماق يېيىش ھوقۇقى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز ھەج ئۆمىكىدىكى كادىرلار تاماق يەۋاتقان رېستورانغا تېلېفون قىلىپ، خېرىدارلىرىنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات ئېرىشقا تىرىشتۇق. ئەمما رېستوران خوجايىنى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.