ئەزىز ئەيسا: خىتاي پارىژ ۋەقەسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى

0:00 / 0:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزوردا، پارىژدا يۈز بەرگەن «چارلىي ھېبدو» ھەجۋىي كارتون گېزىتى ئۇچرىغان تېررورلۇق ھۇجۇم بىلەن، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ، «جۇڭگو باشقىلارغا ئوخشاشلا تېرورلۇقنىڭ قۇربانى. ئۆتكەن 3‏-ئايدا، كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدا 31 ئادەم ئۆلدى، 141 ئادەم يارىلاندى. ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر كۈچىيىپ، نەچچە ئونلىغان پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندى» دېگەن.

ئوبزوردا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھېچقانداق بىر دۆلەت تېرورلۇقنى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ. تېررورلۇققا قارشى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانسا ئۇنى يوقىتىش قىيىنلىشىدۇ. شۇڭا، خەلقئارا جەمئىيەت تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئورتاق پىكرى ھاسىل قىلىشى، ئۇچۇر، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، نىشاننى بىردەك تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىشقا ئېھتىياجلىق.

بىز ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق تور يازغۇچىسى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە زىيارەت قىلدۇق.

ئەزىز ئەيسا: فىرانسىيەدە، بوستوندا، ئىسپانىيەنىڭ مادرىددا بولسۇن، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئەركىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىدۇ. ئەمما خىتاي بۇنىڭغا يول قويمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، قەشقەردە، تۇرپاندا بولغان ۋەقەلەردە، نېمە ئۈچۈن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بېرىشىغا يول قويمايدۇ. ئاددىيسى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى، ئىسىم-فامىلىسىنى ئېلان قىلىشتىنمۇ خىتاي شۇنچىلىك ئېھتىيات قىلىدۇ.

مۇخبىر: غەرب قايسى ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي تېررورلۇق، دەپ ئېلان قىلغان ۋەقەلەرگە گۇمانلىق قارايدۇ؟
ئەزىز ئەيسا: خىتاي ھۆكۈمىتى قوش ئۆلچەم ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن، خەلقئارا تېررورلۇق ئۆلچىمى قەيەردە بۇنى چۈشىنىشى كېرەك. خەلقئارا ئۆلچەم ھەرگىز ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ياكى ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەم نورمال پائالىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنى ھۆكۈمەت دۆلەت ئېتىۋېتىدىغان ياكى قولغا ئالىدىغان، كوچىدا كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ياغلىقى، كىيىم-كېچەكلىرىنى تارتىۋالىدىغان بۇنداق ئىشلار پەيدا قىلغانلارنى غەرب تېررورلۇق، دەپ قارىمايدۇ.

مۇخبىر: پارىژدا بولغان ۋەقە دۇنيادا ناھايىتى زور غۇل-غۇلا قوزغاپ كەتتى، پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم بۇ، دەپ. خەلقنىڭ ھېسسىياتى مۇشۇنداق ۋاقىتتا خىتاينىڭ كۆپۈپ، بىزمۇ تېرورلۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچى، دېيىشى، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقمۇ قانداق بۇ؟
ئەزىز ئەيسا: بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك. چۈنكى، بۇ خىتاينىڭ سۆزى ئىككى ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. بىرى، بېيجىڭدا نۇرغۇن مۇخبىرلار «چارلېي ھېبدو»نى قوللايمىز دەپ نامايىش قىلدى، ئاخبارات ئەركىنلىكى كېرەك، بىزگە دەپ. خىتاي ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىغلىق بۇ ئىشقا. چۈنكى، ھەر ئىككىلىسى پايدىسىز. بۇ ھەرىكەت تېگى-تەكتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىنى قوغدايمىز، دېگەن ھەرىكەت. بۇ ئوتنى تۇتۇشنى خىتاي خالىمايدۇ. ئىككىنچى مەسىلە، خىتاي پارىژدىكى بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ زەربە بېرىمىز، دېگەن نىيىتىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى خىتايدا يوق نەرسە. شۇڭا، خىتاي بۇ قىيىن ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قارىلىدى، دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: دۇنيا سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولسۇنكى بىراق پىكىر ئەركىنلىكىنى قويۇۋەتكەن دېسە، خىتاي ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمايدۇ دەڭا؟
ئەزىز ئەيسا: توغرا، بۇ ۋەقەنىڭ تېگى تەكتى پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش. خىتاي بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدۇ، دېگەندە خىتاينىڭ بۇنداق ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى ھېچكىم كۈتمىگەن. ئۇنىڭ ئىنكاسى ئۇيغۇرنى تېررورغا باغلىدى. دېمەك، ئۇ بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇپ باقتى، بىراق ئۇنىڭغا قانچىلىك ئادەم ئىشىنىدۇ، بۇمۇ تايىنلىق.

مۇخبىر: پارىژدا بولغان ۋەقە ياۋروپانىڭ مۇسۇلمانلارغا، ئۇنىڭ ئىسلام سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتە؟
ئەزىز ئەيسا: تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بىراق بەك زور، دەپ قارىمايمەن. مەسىلەن، فىرانسىيە بولسۇن، ئەنگلىيە بولسۇن خېلى تېرە تاراقشىتىۋاتىدۇ، ھازىر. لېكىن بۇ ھەر ئىككى ئەلدە مۆتىدىل كىشىلەر خېلى كۆپ. دىنىي ساھەلەرمۇ بۇنىڭغا قىزغىن ئەمەس. چۈنكى، ھەر قانداق دۆلەت مىللىي ياكى ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان ئىشلارنى ھەرگىز خالىمايدۇ. ئەقىللىق ئىنسانلار بۇ ئىشنى قىلمايدۇ. توغرا، ئۇ پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا باشقا ئېتىقاد، باشقىلار مۇقەددەس، دەپ قارايدىغان كىشىلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مەدەنىي ئىش ئەمەس. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئۇنىڭغا زوراۋانلىق بىلەن مۇداخىلە قىلىپ، قان تۆكۈش بۇنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، ھەممە ئادەم چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

مۇخبىر: خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى سۇيىئىستېمال قىلىشى، بۇنىڭ ئاخىرى ئۆزىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئاجايىپ ئەھۋالدە بۇ؟
ئەزىز ئەيسا: ناھايىتى ياخشى سورىدىڭىز بۇ سوئالنى. بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك. چۈنكى شۇ گەپنى دېگەندىلا مېنىڭ ئېسىمغا كەلدى، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا توردا كۆردۈم. نۇرغۇن چەتئەللىك مۇخبىرلار رادىئو -تېلېۋىزىيە بىناسىنىڭ ئالدىدىمۇ بىر كوچىدا نامايىش قىلىپ، «چارلېي ھېبدو»نى قوللايمىز، پىكىر ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىمىز، دەپ نامايىش قىلدى. خىتاينىڭ بايانات ۋە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭغا باغلىشى، ئۆزىدىكى پىكرى ئەركىنلىك نۇقسانىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى تەس ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش، بۇ ۋەقەنى ئۆزىنىڭ سىياسىي غەرىزىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت سىزگە، ئاۋارە قىلدىم سىزنى. يۇقىرىدا، لوندون ئۇيغۇر سەنئەت ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچى مەسئۇلى، تور يازغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ پروگراممىنى ئەركىن تەييارلىدى.