ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى: بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەج قىلماي ۋەتىنىگە قايتىشقا مەجبۇر بولماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-سېنتەبىر بېيجىڭ ئايرودرومىدا بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقۇچى مۇسۇلمانلارنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا خىتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ يىل خىتايدىن ئون تۆت مىڭ بەش يۈز نەپەر مۇسۇلماننىڭ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلار، بۇنىڭ ئىچىدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ھەج قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار بولغان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەج قىلغىلى كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندە ئۇرۇق-تۇغقان ۋە بالا-چاقىلىرى «ئائىلە ئەزالىرى قانۇنسىز ھەج پائالىيەتكە قاتناشقان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ھەج پائالىيىتىنى تەرك ئېتىپ ۋەتىنىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.