ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى: ئۇيغۇرلار ھەج پائالىيىتىنى باشلىدى

0:00 / 0:00

ھەج ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بەشىنچىسى بولۇپ، ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر يىلى مىليونلارچە مۇسۇلمانلار مەككە-مەدىنىگە توپلىشىپ، ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يىلمۇ مۇسۇلمانلار ئادەتتىكى يىللارغا ئوخشاش ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككە شەھىرىگە توپلانغان بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇرلارمۇ ھەج پائالىيىتىگە قاتناشتى.

بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ مىنا تېغىغا توپلانغانلىقىنى ۋە تۈرلۈك ۋىزىلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.