ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدىكى خىتايچە ئۇسۇل چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
2013.03.14

يېقىندا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى پانۇس بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا مەخسۇس خىتايچە ئۇسۇل ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇشى قەشقەردىلا ئەمەس بەلكى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق ئىنكاسى قوزغىلىپ، بۇ ئىنكاسلار تاكى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسچىتلەرگە بايراقلىرىنى ئېسىشى، مەسچىت ئالدىدا خىتايچە سەھنىلەرنى ياساپ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش قىلمىشلىرى قەشقەردە كۈچلۈك نارازىلىقلار پەيدا قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەسچىتلەرنى كومپارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، دىنىي زاتلارنى «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» بىلەن خەلقنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، قەشقەردە بىر - بىرىدىن بىمەنە، ئەشەددىي بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلۇپ، خەلقنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن، دىنىي ئەقىدە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلەر ئېغىر ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان.
قەشقەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا خىتاينىڭ پانۇس بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتايچە بېزەلگەن كەڭ مەيداندا خىتاي ئارتىستلار ئويۇن كۆرسەتكەن. ئىسلام ئەقىدىسىگە سادىق بىر خەلقنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتگاھى بولغان مەسچىتى ئالدىنىڭ مۇنداق سورۇنغا ئايلاندۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتايلار ئۈچۈن قەشقەردە كەڭ كۇشادە ئويۇن كۆرسىتەلەيدىغان شۇنچە كەڭ مەيدانلار تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن مەشھۇر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىنى تاللاپ چاڭچىلە قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغايدۇ؟ بۇ ھەقتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىيار ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، خىتاينىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىش ئارقىلىق قەستەن ۋەقە پەيدا قىلىپ، يەنە بىر قېتىم باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى روھى جەھەتتىن قاتتىق سۇندۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتايدىن باشقا ھېچبىر ھاكىمىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئويناشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى خىتاينىڭ بۇ مىللەتنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىگە توسالغۇ بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولغاچقا، خىتاينىڭ دىننى يوقىتىش خامخىيالنى سۈرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئەقىدىسىنى بۇنچە تېز يوقىتالمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، بېسىم قانچە كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ شۇنچە مۇستەھكەملىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىنى، دىنىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىنى، ئۇيغۇرچە ۋە مۇسۇلمان ئەھلىگە مۇناسىپ شەكىللەردە ياسىنىش، كىيىنىشىنى چەكلەپلا قالماي، ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلمانلىق روھى بىلەن ياشىشىغىمۇ ئېغىر چەكلىمە قويماقتا.
ئەنگىلىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ، ھەر يىلى دېگۈدەك دوكلاتلار ئېلان قىلماقتا.