خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجابلىنىشىنى چەكلەش سىياسىتى ھەققىدە مۇلاھىزە

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش چەكلىك شىركىتى مۇسۇلمان ھىجابلانغان ئۇيغۇر ئاياللارنى ئاپتوبۇسىغا چىقارماسلىق توغرىسىدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق يېزىلغان:
«قەشقەر شەھەرلىك مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، شەھەرلىك گۈزەللىك قۇرۇلۇشى خىزمەت گۇرۇپپىسى شىركىتىمىزدىكى بەزى ئاپتوبۇسلارنىڭ ھىجابلانغان ئاياللارنى ئاپتوبۇسقا چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر بۇندىن كېيىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدۇ ۋە ئىلغار بولۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىدۇ.»

ئاتالمىش گۈزەللىك قۇرۇلۇشى خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشى ۋە ھىجابلىنىشىنى، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەيدىغان خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ، بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى دىلنار ئابدۇللا «شىنجاڭ گېزىتى»دە بۇ توغرىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ ياغلىق چىگىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىشىدا، ئىشلەپچىقىرىشقا تۆھپە قوشۇشىغا قۇلايسىزلىق يارىتىدۇ. دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇنىڭ ئىسلام دىننى ئەقىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئەقىدىسىنى خارلىغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كانادادا ياشاۋاتقان زۇلپىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىلنار ئابدۇللاغا ئوخشاش بىرنەچچە كاللىسى قۇرۇق ئاياللارنى تەشۋىقات ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:

«بۇ خىتاينىڭ دىنىمىزنى چەكلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان زۇلۇم»

قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۆگىنىپ يۈرۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاياللاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى مۇلاھىزە قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ روھى جەھەتتە ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
«ئۇلار بىزنى يۆگىنىپ يۈرگىنىمىز ئۈچۈن ئاپتوبۇسقا چىقارمايدۇ، ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا كىرگۈزمەيدۇ، ھەر خىل مۇلازىمەتلەرنى رەت قىلىدۇ، ئۇلارچە بولغاندا ئېچىۋېتىپ يۈرۈش گۈزەللىكمىش، ئۇلار ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمنى يۆگىنىپ يۈرسەم شۇنداق گۈزەل ھېس قىلىمەن، چۈنكى يۆگىنىپ يۈرگىنىمدە ئۆزۈمگە ئىشىنىش كۈچلۈك بولىدۇ، باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىمگە باھا بېرىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەيمەن، ئۆزۈمنى ئەركىن، بىخەتەر ۋە گۈزەل ھېس قىلىمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھىجابلىنىشىنى باستۇرۇش سىياسىتى غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان خرىستىئان ئاياللىرىنىڭمۇ نەپرىتىگە ئۇچرىدى. مۇخبىرىمىز كوچىدا كېتىۋاتقان بىرنەچچە كانادالىق خرىستىئان ئايالنى زىيارەت قىلغىنىدا ئۇلارنىڭ جاۋابى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ غەرب دۇنياسىنىڭ ئەركىنلىك كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلىشى بەكمۇ كۈلكىلىك ۋە شۇنداقلا باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كەمسىتكەنلىك. بۇ ئىنتايىن خاتا. ئەگەر ئۇلار بۇنى گۈزەللىك ئەمەس دەپ قارىسا ئوخشاشلا مۇسۇلمان ئاياللارمۇ ئېچىۋېتىپ يۈرۈشنى گۈزەللىك ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭچە مۇسۇلمان بولمىغان ئاياللارنىڭ ئېچىۋېتىپ يۈرۈش ئەركىنلىكى بولغىنىغا ئوخشاش مۇسۇلمان ئاياللارنىڭمۇ يۆگىنىش ئەركىنلىكى بۆلىشى كېرەك. بۇ تاللاشنى باشقىلار ئاياللارغا تاللاپ بەرمەسلىكى ئاياللار ئۆزى تاللىشى كېرەك»