مەككىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن: «ئىسلام دۇنياسى شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزىگە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدۇ»

0:00 / 0:00

24-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتابى» ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن مۇخبىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھىجاپلىنىش ۋە ساقال قويۇشنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «ھىجاپلىنىش ۋە ساقال قويۇش قالاقلىق، رادىكاللىق» دېگەن.

شاۋكەت ئىمىننىڭ بۇ سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان.

نۆۋەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، جىددە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى شۇنداقلا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر ئەرەب تىلىدا ئېلان قىلغان تۈرلۈك سىياسىي ئانالىز ماقاللىرى بىلەن ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى، بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شاۋكەت ئىمىننىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىسلام دۇنياسىنىڭ جۈملىدىن خەلقئارادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ چوقۇم جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.