«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ھىجاب ھەققىدىكى ماقالىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى
2013.07.22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان نەشرىيات ئەپكارى «شىنجاڭ گېزىتى» دە 19-ئىيۇل بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ھىجابلىق ئاياللارنى تەنقىد قىلغان. «قارا چۈمبەل تاقاپ، پەرەنجە ئارتىش ياخشى خاھىش ئەمەس» ناملىق مەزكۇر ماقالىدا، بەزى ئاياللارنىڭ كىيىنىشى رادىكال دىنىي تۈسكە ئىگە، دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر ماقالە توردا مۇنازىرە قوزغاپ، بەزىلەر ماقالىنى تەنقىد قىلغان، بەزىلەر قوللىغان. بەزى تەنقىدچىلەر ماقالىدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.
«قارا چۈمبەل تاقاپ، قارا پەرەنجە كىيىش ياخشى خاھىش ئەمەس،» ناملىق بۇ ماقالىنى «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ قىرغىز پروفېسسورى مەمبات تۇردى قەلەمگە ئالغان. مەزكۇر ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە چۈمبەل ئارتىش، پەرەنجە كىيىش ۋە ساقال قويۇشنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىمۋولى، دەپ قاراپ، قاتتىق باستۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان. دائىرىلەر ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئائىلە، ئاممىۋى سورۇن، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ھىجابنى چەكلىگەن. جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەردە ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھىجابلىق ئاياللارنى ھىجابسىز يۈرۈشكە مەجبۇرلىشى قارشىلىققا ئۇچراپ، بەزىدە قانلىق تونۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەمبەت تۇردو ماقالىسىدە، چۈمبەل، پەرەنجە ۋە ساقالنى تەنقىد قىلىپ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز قارا چۈمبەل تاقاپ ياشىمايتتى، قارا پەرەنجە كىيىپ يول يۈرمەيتتى. بىزنىڭ ياش قىرانلىرىمىز بومبا ساقال قويۇۋالمايتتى.......... ھازىر، جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەردىلا ئەمەس، ئۈرۈمچىگە ئوخشاش شەھەردىمۇ، قارا چۈمبەل تاقاپ، قارا پەرەنجە كىيىپ يۈرىدىغان ئاياللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ياخشى خاھىش ئەمەس، دېگەن.
لېكىن، مەمبەت تۇردىنىڭ ماقالىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دەرھال تەنقىدىگە ئۇچرىدى. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي، مەمبەت تۇردىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن دىنىي ئېتىقادنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، چۈمبەل ئارتىش، پەرەنجە كىيىشنىڭ مۇسۇلمان ئاياللار ئۈچۈن بىر خىل دىنىي تاللاش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ماقالە يەنە توردا ھەر خىل ئىنكاسلارنى قوزغىدى تورغا ئىنكاس يازغۇچىلاردىن بىرى ئاپتورنى تەنقىدلەپ، چۈمبەل تاقاش ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ئادىتى، ياخشى خاھىش، يامان خاھىش، دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بۇ تەبىئىي ئەھۋال! بۇنىڭ مۇسىبەت بىلەن نېمە ئالاقىسى بار. رەھبەرلەر بەزىدە قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىدىغۇ. ئەجەبا، ئۇلار بۇنى پەقەت دەپىنە مۇراسىمى ئۈچۈن كىيەمدۇ؟ بۇنى يازغان ئادەمنىڭ پسىخولوگىيەسىدە مەسىلە بار. كىچىكىدە قارا رەڭدىن قورقۇش كېسىلى بولسا كېرەك.، دەپ كۆرسەتكەن.
يەنە بىر پىكىر يازغۇچى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ مەتبەئەسىنى ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىگە باغلاپ، شىنجاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى يامان كەڭرىپ كەتتىمۇ-قانداق؟ مېنىڭ شۇنىڭغا ھەقىقىي گۇمان باركى، ئۇلارنىڭ چېرىكلىك ۋە قابىلىيەتسىزلىكى ئىسياننىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، دەپ تەكىتلىگەن.
بىراق يەنە بىر ئىنكاسچى، ھىجاب ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ ئادىتى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. باشقا بىر ئىنكاسچى بولسا، خەنزۇلارنىڭ گۈزەللىك قارشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئەجەبلىنەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۇرمۇھەممەت مۇساباينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىجابلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى سۇسلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىشتۇر.
بىراق، مەمبات توردى ماقالىسىدە، قارا رەڭنىڭ كىشىلەردە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا پەرەنجىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. قارا رەڭ دائىم كىشىلەرگە مۇسىبەت تۇيغۇسى بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى سوۋۇتىدۇ، ھەتتا ئەمچەكتىكى بوۋاق بالىلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ كەتتى. بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر بىزنىڭ بىلىمسىزلىك ۋە خۇراپاتلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ غەيرىي نىيىتىگە يەتمەكچى، دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەيلى ئىلمىي نۇقتىدىن بولسۇن ياكى دىنىي نۇقتىدىن بولسۇن، باشقىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق ئەڭ مۇھىم مەسىلە.
بىراق نۇرمۇھەممەت مۇساباي، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كىيىم كېچىكى، يۈرۈش-تۇرۇشىغا ئارىلىشىۋېلىشى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزسە، تېخىمۇ زور كۆلەملىك قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
مەمبەت تۇردى، ماقالىسىدە، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ساندىكى «زوراۋان تېررورچىلار» نىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قانداق سەۋەبلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئاتالمىش زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتىگە مەجبۇرلىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا تەكىتلەپ، بىز ئېسىل مىللىي ئەنئەنىمىز، مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. بىزنى ئوتتۇرا ئەسىر خۇراپاتلىقىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان رەزىل كۈچلەر گە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز لازىم، دېگەن.
لېكىن، نۇرمۇھەممەت مۇساباي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش ئۆز ئارا ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى قاتتىىقلاشقانسېرى، ئۇلارنى دىنىي ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنغانسېرى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىگە چىڭ ئېسىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.