كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قارامايدىكى ھىجاپ چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارىماي شەھىرىدە 5 خىل كىشىلەرنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئاۋام ئۇيغۇر ئاممىسىنى نىشان قىلغان بۇ بەلگىلىمە ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنى ئوچۇق -ئاشكارا قوللىغانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ بەلگىلىمە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى باشقا پۇقرالارغا قارىغاندا ئازلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىمۇ بۇ خىل تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ بەلگىلىمە ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدۇ، دېگەن.

قاراماي شەھىرى 4‏-ئاۋغۇست چىقارغان بۇ بەلگىلىمىدە، لىچەكلىك، نىقابلىق ۋە جىلباپلىق ئاياللارنىڭ، ساقاللىق ئەرلەرنىڭ ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل، كۆك، قارا ۋە ياكى ئاق رەڭلىك مايكا كىيگەنلەرنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى نۇرمەمەت مۇساباي، مەزكۇر بەلگىلىمە مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېتىقاد بىلەن ئويناشقان ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەت غەلىبە قىلالمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
قارىمايدىكى بۇ 5 خىل كىيىنگەنلەر دېگەننىڭ ھەممىسى مىللىي قىياپەتتىن تولاراق دىنىي قىياپەتنى ئاساس قىلغان. ئۇلار دىنغا قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىپتۇ. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئالىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ھەرقانداق ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. ھازىر، خىتاي شۇ خەتەرلىك ئوتنى ئويناۋاتىدۇ، يەنى ئۇيغۇرنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردە خىتاي يالغۇز ئۇيغۇرنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئويناشمايۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد خەلقنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ. دېمەك خىتاي چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاراماي شەھىرىدە 5 خىل دىنىي قىياپەتنى چەكلىگەنلىك خەۋىرى ئامېرىكىنىڭ «نيۇ يورك ۋاقتى»، «لوس-ئانجېلىس ۋاقتى» قاتارلىق ئاتاقلىق گېزىت، ژۇرناللىرىدا، ياپونىيە ۋە باشقا غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ «شىنجاڭدىكى شەھەرنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىدا ياغلىق ۋە ساقالغا ئورۇن يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بۇ چەكلىمە تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى-شىنجاڭدا ئەنسىزلىك كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى جىددىيچىلىك ھەم قالايمىقانچىلىقنى شىنجاڭ ۋە چەتئەلدىكى رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىيچىلىكنى خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە كەمسىتىش سىياسىتى پەيدا قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىنىڭ نېمە يەيدىغانلىقى، قاچان يەيدىغانلىقى، قانداق پاسۇندا چاچ قويىدىغانلىقى، قانداق كىيىنىدىغانلىقى، ئايفون قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قانداق ناخشىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر گېزىتنىڭ «دىنىي توسقۇنلۇق: خىتاي تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي بەلگىلىمىلەرگە زورلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شۇنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان. ياڭ شۇ: سەن بىرىنىڭ ياغلىق ئارتقانلىقى ۋە ساقال قويغانلىقىغا قاراپ، ئۇلارنى زوراۋان دىنىي رادىكال دېسەڭ بولمايدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، دىنىي ئىبادەتكە قاتتىق قوللۇق بىلەن قارشى تۇرۇش توقۇنۇشنى كەسكىنلەشتۈرىدۇ، دېگەن.

نۇرمەمەت مۇساباي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 65 يىللىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا ئۆزى سادىر قىلغان نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئۇنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: چۈمبەل ئارتىش، ئاياللار ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىش بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئادىتىمىز. خىتاي بۈگۈنكى كۈندە قارشىلىقنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆزىنىڭ سىياسىتىدىن كۆرمەي، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېتىقادىدىن كۆرۈپ، ئېتىقادنى سۇسلاشتۇرسام ئۇيغۇرنى يوقىتىمەن، دەۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىرغا كەلگۈچە خىتايغا قارشى ئەڭ قاتتىق قارشىلىق ئىسلام ئېتىقادى كۈچلۈكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، خىتاي يېقىندا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 8 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپىنى 10 يىلغا كۆپەيتىپ، ئۇلارنى پەننىي مائارىپ بىلەن تەربىيىلىسەم ئوڭشىلىدۇ، دەيدۇ. لېكىن مەسىلىنىڭ نېگىزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قاراتقان مىللىي، دىنىي سىياسىتىنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.

خىتاي ئۆزىنىڭ 60 يىللىق شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقنى رادىكاللىققا دۆڭگەپ قويۇپ، جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنى ئوڭشىماي، ئۇنى ئۇيغۇرغا ئىتتىرىپ قويۇۋاتىدۇ.

نۇرمەمەت مۇساباي، يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش پۇلىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر خەلقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە تەبىئىي بايلىقىنى قانداق ئېچىشنى قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئېھتىياجلىق، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان، بىز بۇلارغا نېمە ياخشىلىق ئەكەلدۇق، ئۇلار نېمە راھەت كۆردى. بىزدىن نېمە پايدا كۆردى دېگەننى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ 65 يىللىق تارىخىنى ھېسابلاپ بېقىشى كېرەك. بىز مەكتەپ سالدۇق، يول ياسىدۇق، دېگەن بىلەن ئۇ يولدىن، بۇ مەكتەپلەردىن ئۇيغۇر خەلقى قانچىلىك بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى بىزنىڭ مەملىكەتكە تۈنۈگۈن كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارغا سېلىشتۇرۇپ باقسا قانچىلىك پەرق بار؟ خىتاينىڭ سەدىقە پۇلىغا موھتاج ئەمەس ئۇيغۇرلار.

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ بايلىقىدىن ئۆزى مەلۇم دەرىجىدە پايدىلانسىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. لېكىن خىتاي بۇ ھوقۇقنى بەرمەيۋاتىدۇ. يەنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كارخانا ئېچىش، ئۆزىنىڭ يەر بايلىقى، مائارىپ، پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۆزۆزىنى يېتەكلەيدىغان ھالەتنى ئۇيغۇرلارغا بېرىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي دىۋانىغا پۇل بەرگەندەك 80 سوم، 100 سوم پۇل بېرىپ قويۇپ، بىز ئۇيغۇرلارغا ئانداق قىلىۋاتىمىز، مۇنداق قىلىۋاتىمىز دېسە بولمايدۇ. بىز خىتاينىڭ سەدىقىسىگە قاراشلىق ئەمەس.

قاراماي شەھىرى چىقارغان مەزكۇر بەلگىلىمىدە، تەكشۈرۈش خادىملىرىغا ھەمكارلاشمىغان دىنىي قىياپەتلىك 5خىل كىشىلەرنىڭ دەرھال ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13‏-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرىدىكى 59 كوچا ئاپتوبۇس بېكىتىگە كۆزەتچى قويۇپ، ئاممىۋى قاتناش بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13‏-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە يىغىنى 20‏-ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ. بۇ پائالىيەت 28‏-ئىيۇل يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلىرىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 96 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق د ئۇ ق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدىكى قىرغىنچىلىقىدا ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.