دوكتور ئايشەمگۈل: «ئولىمپىك تارىخىدىكى ھىجابلىق ماھىرلار ئۇيغۇر ئاچا، سىڭىللارغا ئىلھام بولسۇن»

0:00 / 0:00

برازىلىيەنىڭ رىيو دې جانېرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016 يازلىق تەنتەربىيە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدىكى خەۋەرلەردە ھىجابلىق مۇسۇلمان ئايال تەنھەرىكەتچىلەر ئالاھىدە قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى، ئامېرىكا ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ھىجابلانغان ھالدا قىلىچۋازلىق تەنھەرىكەت تۈرىدە مىس مېدالغا ساھىب بولغان ماھىر ئىبتىھاج مۇھەممەد (Ibtihaj Muhammad) ئامېرىكا ئولىمپىك كاماندىسىدىكى تۇنجى ھىجابلىق مۇسۇلمان ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخ ياراتتى. ئارقىدىنلا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەرىمان ئابدۇلجادايەل سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا دۆلىتىگە ۋاكالىتەن 100 مېتىرلىق يۈگرەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى ئايال تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. دۇنيا ئولىمپىك سەھنىسىدىكى زەپەر قوچۇۋاتقان مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن، ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رادىكال دەپ تۈرلۈك توسقۇنلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنى سېلىشتۇرغان ئەنگلىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىسى ئايشەمگۈل خانىم، ھىجابلىنىشنىڭ ئاياللارنى مەدەنىيەتتىن، ئەركىنلىكتىن، مەسئۇلىيەتتىن يىراقلاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ھەر تەرەپتە مۇكەممەللىشىشنىڭ ئاچقۇچى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە دىنىي ۋە مىللي كىملىكىنى قوغداش ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرىگە قارشىلىقىنى ئىپادە قىلىش ئىستىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھىجابلىنىشىغا مەدەت بولغان يەنە بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ دوكتور ئايشەمگۈل خانىم بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.