پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار رامزان مەزگىلىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە تۈركىيەدە تونۇلغان ئاممىۋى تەشكىلات IHH ئىنسانى ياردەم ۋەخپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان رامىزانلىق ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە IHH ئىنسانى ياردەم ۋەخپى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي ياردەم ساخاۋەتلىرىنى قىلىپ كەلگەن. ئۇلار بۇ يىللىق رامزان مەزگىلىدە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئىپتارلىق پائالىيىتىدىمۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ھېيتلىق سوۋغات بەرگەندىن باشقا، قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ماددىي ياردەملىرىنى يەتكۈزگەن. 10-ئىيۇل جۈمە كۈنى ۋە 14-ئىيۇل سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتاردا IHH تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، تۈرك قېرىنداشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدىكى پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى ۋە ۋەخپە خىزمەتچىلىرى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 10-ئىيۇل جۈمە كۈنى ۋە 14-ئىيۇل شەيشەنبە كۈنى تۈركىيە IHH ئىنسانى ياردەم ۋەخپى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن رامىزانلىق پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.
ۋەخپى مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە ئىتتىپاقدىشى بولغان پاكىستاندا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پائالىيەتلىرى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ چەكلىمە-توسقۇنلۇقلىرىغا ئۇچراپ تۇرغان شارائىتتا، ئۆزلىرىنىڭ رامزان مەزگىلىدە تۈركىيە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن رامىزانلىق پائالىيىتىنى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ۋە راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئەللەرگە ياردەم بېرىشنى ئۆزلىرىنىڭ شوئارى قىلغان. ئۇلار يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز قوللاپ كەلگەن. راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ تەشكىلاتتىكى تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئا...ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بىلەن بىرلىكتە، رامزان مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق ئىپتاردا IHH تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئىنسانىي ياردىمىنى ۋە ئوتلۇق سالىمىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بەرگەن رامىزانلىق سوغىسى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يەتكۈزگەن ئىنسانىي ياردەم ۋە ساخاۋەتلىرىنىڭ پاكىستاندا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قان-قېرىندىشى بولغان تۈركلەرنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرغان.
بۇ خىزمەتچى خادىم يەنە، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزالىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دىققەت نىشانى بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى بىلەن پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان توسقۇنلۇقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پائالىيەتتىن ئىلگىرى ۋەخپە خادىملىرىنىڭ پائالىيەتنىڭ ئورنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنلىرىنى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىلا ئۇقتۇرۇپ، بەك جىق كىشىلەرگە ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى پاكىستان خەلقىگە تونۇتۇش ۋە پاكىستاندا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندەك يات بىر ئەلدە مەنىۋى جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش، ماددىي تۇرمۇشىدا ئۆز-ئارا ياردەم، ھەمكارلىقتا بولۇشىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن ۋەخپى مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچىلىرى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ كۆزىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ۋەخپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق توسۇپ كەلگەن. رادىئومىز ئىلگىرىكى پروگراممىلىرىمىزدا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى بىلەن تاقىۋېتىلگەنلىكى، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر ئەپەندى، ئەكبەر ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان سەپىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىملىرى سەۋەبلىك پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، يىغىنغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.