ئىلھام توختى ئەپەندى، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سالىمىدا، دائىرىلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلىرى كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە كۈتۈۋالدى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ۋە تەشەببۇسى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارالغان ئىلھام توختى ئەپەندى 14-ئۆكتەبىر قۇربان ھېيت ھارپىسىدا،رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،' ئۆزىنىڭ ۋە «ئۇيغۇربىز »تورىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى ھېيتلىق سالىمىدا ئۆزىنىڭ ۋە «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ۋەتەندە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالام يوللاش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغان غەيرەت نىيازغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن تەر تۆككەن ئەجىر قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ تۈزىتىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختى ئەپەندى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايرىمى بولغان قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان، تۈرلۈك دىنىي چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ مەسچىتكە بېرىپ، ھېيت نامىزى قاتارلىق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە ئەركىن قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئەركىن ئېلىپ بېرىشتەك كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان ئىلھام توختىغا قاراتقان تەقىب قىلىش ۋە نازارەتنى كۈچەيتكەندىن باشقا، ئىلھام توختى ئىگىدارچىلىقىدىكى «ئۇيغۇربىز »تورى ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەن، بۇ تور بېكىتىگە ماقالە-ئەسەرلەرنى يوللىغان ياكى ئىلگىرى ئىلھام-توختىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تۇتقۇن قىلىش ياكى «چاي ئىچىش» نامىدا ئۇلارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.