خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى (2)

0:00 / 0:00

تۈرلۈك ئۇچۇرلار ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇق بىلەن باغلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ خىتايدا ھازىر بارغانسېرى ئاشكارا قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ئىشارە قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى دىنىي كىملىكى تورلاردا ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەزىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يىللاردىن بۇيان «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق مۇھاكىمە نۇقتىسى بولۇپ كەلگەنلىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن يېڭىلىق ھېساپلانمىسىمۇ، بۇ يۈزلىنىشنىڭ ھازىر خىتاي تەۋەسىدە باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ «بىرلەشمە ئاگېنتلىق»، «فوكس خەۋەرلىرى»، «مۇستەقىللىق» قاتارلىق دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 9-ئاپرېلدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى نەنگاڭ مەسچىتىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان ھالدا خىتايچە تورلاردا يېزىلىۋاتقان ئۆچمەنلىك خاراكتېرىدىكى يازمىلار ھەققىدە خەۋەرلەر بەردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 1780-يىللىرى سېلىنغان نەنگاڭ مەسچىتىنى قايتا سېلىش ھەققىدىكى لايىھە يېقىندا مۇزاكىرەگە قويۇلغان ھامان ھەرقايسى بلوگلاردا بۇ لايىھە قاتتىق ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئۆچمەنلىك تونى بىلەن تولغان تەنقىدلەرگە كۆمۈۋېتىلگەن. مەسچىتنىڭ ئىمامى بولسا ئۆلۈم تەھدىتى ھەققىدە خەت تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا نەنگاڭ مەسچىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەلۇم تەشۋىقات ئورگىنىنىڭ سۈي فامىلىلىك بىر خىتاي كادىرى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مىكرو بلوگىدا «يەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دەرھال بۇ ئىشنى توسۇشى لازىم. ئەگەر بۇ ئۇسۇل ئاقمىسا چوشقا كاللىسى ۋە چوشقا قېنى ئارقىلىق مەسچىتنى چەكلەشنى سىناپ باقسا بولىدۇ » دەپ يازغان.

ئاۋسترالىيە لا تروب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس لېيبولد بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ خىلدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ خىتايدەك بىر دۆلەتتە بەكمۇ كەم كۆرۈلىدىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ھەمدە بۇنى «سېھىرلىنىپ سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ كومزىكىگە بەند قىلىۋېتىلگەن دېۋىنىڭ كومزەكتىن چىققىنىدەك بىر ئىش» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

«ئالدى بىلەن شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى نۆۋەتتە خىتاي پۇقراسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەمدە تۇڭگانلار، شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرى رادىكاللىشىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلامنىڭ تۈپلۈك ئەقىدىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، رادىكاللىشىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ خىلدىكى رادىكاللىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت. يەنە كېلىپ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر قىسىم ۋەقەلەرمۇ يوق ئەمەس. بۇ ۋەقەلەر بىر بولسا دىندا تەشەببۇس قىلىنمايدىغان ئىدىيەلەردىن، يەنە بىر بولسا «جىھاد» ئىدىيەسىدىن ئىلھام ئالغان. 2013-يىلى يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىنى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ تەسىر قوزغىغىنى دېيىشكە بولىدۇ. ئەنە شۇ خىلدىكى بىرنەچچە ۋەقەدە گەرچە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ھەمدە رادىكاللاشقۇچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ بۇ ئەھۋال «ۋەكىللىك» خاراكتېرىنى ئېلىپ قالدى، يەنى بىر پۈتۈن خىتاي خەلقى ئاشۇ ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ چۈشىنىشكە باشلىدى. مۇشۇ سەۋەبلەردىن بىز 2009-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ 2013-يىلىدىن كېيىن خىتاي تەۋەسىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. ئەمما مۇشۇ خىلدىكى ھادىسىگە سەۋەب بولغۇچى ئامىللار بولسا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. سىزگە مەلۇم بولغاندەك ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ نەرىگىلا بارسۇن ئۇلار ھەر كۈنى دۇچ كېلىۋاتقان كەمسىتىش شەكىللىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.»

بىۋاسىتە «ئىسلام ۋەھىمىسى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ ئەھۋاللار توغرىلىق گەرچە دەسلەپ تۇڭگان زىيالىيلىرى مەلۇماتلار بېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ بۇ ئەھۋاللار ئۇنچە كۆپ دىققەت قوزغاپ كېتەلمىگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئەنە شۇ خىلدىكى ئەكس سادالارنىڭ ئەڭ يېڭىسى قاتارىدا بېيجىڭدىكى تۇڭگان زىيالىيسى ما تيەنجېنىڭ «ماركس ئىسلام بىلەن ئۇچراشقاندا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى چەتئەللەردىكى ھەرقايسى چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئۇلاپ تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتايدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە مۇشۇ خىلدىكى ئۆچمەنلىك مەزمۇنى بىلەن تولغان سۆزلەرنى توردا تارقاتقۇچىلارغا جازا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنىق بەلگىلىمىلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى دەلىللەيدىغان كۆپلىگەن ئاخبارات پاكىتلىرىمۇ بار. ئەمما ھازىرغا كەلگەندە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاشۇ خىل ئۆچمەنلىك مەزمۇنىدىكى يازمىلارنى ئېلان قىلىشى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. بۇ ئەھۋاللارغا پروفېسسور لېيبولدمۇ دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى سۆھبەت جەريانىدا بۇنىڭ تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇيغۇرلارنى مەن ئەنخۇيدا كۆرگەن، ئەمما بۇ جايدا ئۇلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس. يەنە بىر ياقتىن ئىنتېرنېت دۇنياسى ئادەتتىكى خىتاي پۇقرالىرى ئۆزئارا دېيىشىدىغان، ئەمما ھېچقاچان ئاشكارا يوسۇندا دېيەلمەيدىغان گەپلەرنى سۆزلەشكە ئورۇن ھازىرلاپ ‹قاراڭغۇ بۇلۇڭ› لۇق رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇنىڭدا دېيىلىۋاتقان باياتىنقىدەك گەپلەرنى كىشىلەر ئادەتتە ئىچىدە خىيال قىلسىمۇ ھېچقاچان ئېغزىدىن چىقارمايتتى. ئەمما مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىزىقارلىق، شۇنداقلا چاتاق ئىكەنلىكى مانا دەپ دەپلا بىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى شۇنىڭدىكى، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە ئوخشىمىغان ھالدا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى مەزمۇنلارغا بەكمۇ سەزگۈر مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى ئەمدىلىكتە مۇشۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە قارىتا كۆرمەسكە سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ھازىر مىكرو بلوگلاردا، شۇنداقلا شەخسىيلەر ماڭدۇرۇۋاتقان «تيەنيا» قاتارلىق بلوگلاردا ئىسلام دىنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ھەمدە ئۇنى ھاقارەتلەش مەزمۇندىكى رەسىملەر، تىل-ئاھانەتلەر، شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى تەنقىدلەر قىم-قىم چاپلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى ‹ئىسلام ۋەھىمىسى› شۈبھىسىزكى ئوخشاش بولمىغان خەلقلەر توپى ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى يۈزلىنىش خىتايدا يەنە بىر قېتىملىق ‹كوچا سوقۇشى› خاراكتېرىدىكى زورلۇق كۈچ ئارىلاشقان توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بىز 2009-يىلى گۇاڭدوڭدىكى شاۋگۇەندە ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىنتېرنېتنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە بىر قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىغا شاھىت بولدۇق. مەن ئەمدى ئاشۇ خىلدىكى ئەھۋال يېقىن كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنارمۇ، دەپ ۋايىم يېمەكتىمەن.»

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتىن ياخشى خەۋەردار مۇتەخەسسىسلەردىن ئامېرىكا فروستبرۇگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىققا قىلغان سۆزىدە خىتاي كومپارتىيىسى يېقىندىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان دىنىي ئىشلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» بىلەن ئوڭ تاناسىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا ئاشۇ خىلدىكى ئىسلام دىنىغا قارشى مەزمۇندىكى يازمىلارنى تورلارغا چاپلاۋاتقانلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە ئالاقىسى بار كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گۇمانىنىمۇ يوشۇرمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي تەۋەسىدە ئىسلام ۋەھىمىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن بازارغا سېلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب-شىنجاڭدىكى ‹تېررورلۇققا قارشى› باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مەملىكەت مىقياسىدا كىشىلەرگە بىر تۈرلۈك يوللۇق ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا يەرلىك دەرىجىدە بىر قېتىملىق مالىمان ھەمدە توقۇنۇش پەيدا قىلىش» دەيدۇ.

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتايدىكى «ئىسلام ۋەھىمىسى» نىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭچە بۇ ئەھۋاللارنى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا بارغانسېرى يامانلىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. بۇ گەپنىڭ بېشىنى بولسا 2013-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدىن باشلاشقا بولىدۇ. شۇ چاغدا خىتايدىكى كۆپ قىسىم خىتاي ئاممىسى، يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشىمايدىغان خىتايلار دەسلەپ بولۇپ شىنجاڭ تەۋەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك خەۋپ دەپ چۈشىنىشكە ھەمدە شۇنداق ھېس قىلىشقا باشلىدى. خۇددى سىزنىڭ ياخشى خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن ئامېرىكىدا بىز كۆرۈۋاتقان كۆپلىگەن ھادىسىلەردە بۇ ئىشلار ھەرقاچان تېررورلۇق ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئەسەبىي قاراشلار بىلەن چېتىشلىق بولۇپ چىقىدۇ، بۇلار بولسا ئۇلىشىپلا ئىسلام دىنى بىلەن باغلاپ قويۇلىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار ‹نىشان قىلىنغان› ساياھەت چەكلىمىسى» ھەمدە بۇنىڭغا قارىتىلغان تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەر ھەقىقىي يوسۇندا چەكلىنىشكە تېگىشلىك بولغان ئاشۇ ئەسەبىي كۈچلەرگە ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قارىتىلىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل تەدبىرلەر تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا خاتا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەكسىچە رول ئوينايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئامېرىكىدا تېخىمۇ يوچۇن ھەمدە يات كىشىدەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ ئەسەبىيلەرگە دۇئا قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇ ئەھۋاللار ھازىر خىتايدا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنى ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنچىگە ئېگە بولۇپ باقمىغان خىتاي پۇقرالىرى بولسا ئەمدىلىكتە ئىسلام دىنىنى بىردىنلا ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قاراشقا، شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلار توپىدىن قورقۇشقا يۈزلەنمەكتە. مۇشۇ ئامىللار بولسا خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى نەزەردە تۇتقاندا ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋېتىش رولىنىلا ئوينايدۇ، خالاس.»

مەلۇم بولۇشىچە «ئىسلام ۋەھىمىسى» ھازىر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى شەخسىي تورلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان مەزمۇنلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى خىرىسلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلىشقا قاراپ يۈزلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.