0:00 / 0:00
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېچىلىۋاتقان «شەرىئەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ئارىسىدىكى ئازغۇن ئېقىملار» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۇيغۇر ئۆلىمالار يىغىن ئارىلىقىدىكى پائالىيەتلەر داۋامىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئاتاقلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىغا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مەزكۇر يىغىن ۋە شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە مۇخبىرىمىز تەييارلىغان مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.