ئىسلام ئەللىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كەلگەندە سۈكۈتنى تاللىدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارانىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى بايان قىلىپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلىرى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرنى سەۋەبسىز ئاتالمىش «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى» غا سولىشى ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا. شۇنىڭغا ئەگىشىپ «ۋال سترېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» قاتارلىق داڭلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ھەرخىل ماقالە ۋە خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلار ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلات ياكى باياناتلار خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز بەزى ئەللەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەقىب ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە، شۇنداقلا ھەر قايسى ئەللەر بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەمچى بولۇشقا چاقىرماقتا.

مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار ئارقىسىدا، ھىندىستان ۋە بېنگالدىكى مۇسۇلمانلار ئۆز ئالدىغا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەھشەتلىك خورلاشلارغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 12-سېنتەبىر كۈنى مالايسىيا خەلق ئادالەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئاخباراتقا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «ئىچكى ئىشىمىز» دېيىشىگە رەددىيە بىلدۈرگەن.

ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي كەلمەكتە.

14-سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تۋىتتېرغا چاپلىغان ئۇچۇرىدا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەسلىك بىلەن قاتتىق ئەيىبلىگەن.

بىز ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئىنكاسسىز تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

21-سېنتەبىر، يەنى جۈمە كۈنى UNPO نىڭ تور بېتىدە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان چەكلىمىسىنى پەسەيتىشكە چاقىرغانلىق ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان. بىراق شەنبە كۈنىگە كەلگەندە، پاكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرى نورۇل ھەق قادىرى «ئەرەب خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئەلچىسى ياۋ شىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پەقەت سۆزلەشمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىز پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىپادىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە، ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون ئۇردۇق. تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر ئايال خادىم تېلېفوننى مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىغا ئۇلاپ بەردى، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېفونىمىز ئوخشاشلا جاۋابسىز قالدى.

بىز يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى بىلىشكە تىرىشتۇق. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئافغانىستان ئەلچىخانىسىغا تېلېفون ئۇرغىنىمىزدا، بىر ئەر خادىم ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمگە تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى ئېيتتى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى. ۋەھالەنكى، تېلېفونىمىز يەنىلا ئىنكاسسىز قالدى.

بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ «ئىسلام دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ» دېگەن نۇقتىغا قارىتا ئىنكاسلىرىنى ئېلىش مەقسىتىدە، مالايشىيادا خەلقئارا ئىسلام، پۇل-مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ساھابەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام، ئىقتىسادىي پۇل-مۇئامىلە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇرھان سېتى ئەپەندىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، يۇقىرىقى مەسىلىنى تۆت نۇقتىدىن شەرھلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن.

ھالبۇكى، ئىسلامئاباد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرى، نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان قۇربانجان مۇداش ئەپەندى ئىسلام ئەللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇنى دىنىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىدىن قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى پۈتۈن دۇنيا بىلىپ يەتتى، بەزى ئىسلام ئەللىرى ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. پاكىستانغا ئوخشاش ئۇيغۇرنى ياخشى تونۇيدىغان بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋېلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە.»