ئىسلام ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك

0:00 / 0:00

ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ۋەتىنى ئۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولۇپ، پۇل-مېلىنى، جېنىنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قارىتىلغان ئەڭ ئاددىي بۇرچى ۋەتىنى بىلەن خەلقىنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن جان تىكىپ قوغدىشى، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە خىيانەت قىلماسلىقى ۋە بۇ ئىككىسىنى خۇددى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغدىشىدىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىدىن قالسا، ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ سۆيگۈ ۋەتەن سۆيگۈسىدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئىبادەتلەرمۇ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر مۆجىزات سۈپىتىدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا بۇ كائىناتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئاتا قىلغان كەرەملىك ئاللاھقا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان بىر ۋاپا بۇرچى بولغاندەك، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مال مۈلكىنى، جېنىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىش ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ ئۇنى ئىللىق قوينىدا ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرگەن ئانا ۋەتەنگە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋاپا بۇرچىدۇر.

ۋەتەن سۆيگۈسى ۋىجدان ۋە ۋاپا بۇرچىدۇر

ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيۈشنى ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟! ياخشىلىقىنى ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى بارمۇ؟!

ۋاپادار ئىنسان چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۈنكى، ھەركىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدەك ئىسسىق ۋە يۇمشاقتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىمىز تۇرغان يەردە، ۋەتەنمۇ شۇنداق قەدىرلىك ئانا! بەلكى ئۇ بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك ئانىمىزدۇر. چۈنكى، ئانىلارنى ئۆستۈرگەن تۇپراقمۇ ئەنە ئاشۇ ۋەتەن ئەمەسمۇ؟

« ۋەتەن ئىنساننىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، مۇھەببىتى باغلانغان ماكانى، ئۇنىڭ مۈلكى، نومۇسى ۋە شەرىپىدۇر. ئىنسان ۋەتەن تۇپرىقىدا ھايات كەچۈرىدۇ، شۇ تۇپراقتا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللانىڭ نامىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللانىڭ دىنىنىڭ بايرىقىنى شۇ يەردە تىكلەيدۇ. ۋەتەننىڭ تۇپرىقى، سۈيى ۋە ھاۋاسى ئىنسانغا ھۇزۇر ۋە بەخت بېغىشلايدۇ. ئىنساننىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ۋەتىنى بىلەن بولىدۇ؛ ۋەتىنى بىلەن تونۇلىدۇ. ۋەتىنى بولمىسا ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ؛ سۆزى ئۆتمەيدۇ؛ ئىشى ئاقمايدۇ. ۋەتىنى كۈچلۈك، ئەزىز بولسا، بېشى تىك، ئېتىبارى يۇقىرى، قەدرى ئۈستۈن بولىدۇ. قەيەرگە بارسا «مەن پالان يەرنىڭ پۇقراسى» دەپ، غۇرۇر بىلەن بېشى تىك، كۆڭلى خاتىرجەم كېزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان سان ساناقسىز نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىشتا ئۇنىڭ قەلبىگە ۋەتىنىنى سۆيۈش تۇيغۇسىنى يەرلەشتۈرگەن. بۇ تۇغما مۇھەببەت ئىنساننى ۋەتىنىگە باغلايدۇ. ئۇ مەجبۇر بولۇپ قالمىغۇچە ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋەتىنى بولغان مەككىدىن ئايرىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ يولغا چىققاندا: «ئەي مەككە! سەن ئاللاھقا ۋە ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك شەھەرسەن، ئەگەر خەلقىڭ مېنى چىقارمىغان بولسا ئىدى، مەن ھەرگىز سەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتمەيتتىم» دېگەن. ۋەتەندىن ئايرىلىش ئىنسان نەپسىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان، ناھايىتى قىيىن بىر ئىش بولغاچقا، مۇھاجىرلارنىڭ پەزىلىتى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ يولىدا ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىپ، مەدىنىگە كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىر ساھابىلەرنىڭ ئەنسار ساھابىلەردىن ئارتۇقچىلىقى ئۇلارنىڭ ۋەتەنلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇھاجىرلارنى ئالاھىدە مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللانىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) راستچىل كىشىلەردۇر.

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئەڭ ئېغىر جازا ۋە ئەڭ قاتتىق ئازاب بولغاچقا، ئىسلام جازا قانۇنىدا جىنايەتچىنى ۋەتەندىن پالاش، ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەڭ تۇتۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. يەنە قۇرئان كەرىمىدە ۋەتەن سۆيگۈسى جان سۆيگۈسى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادالەتلىك بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادالەتلىك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىن قايتسا، مەدىنىنىڭ تۆپىلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا ئالدىراپ تۆگىسىنى تىزلىتەتتى.» مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن ۋە يۇرت سۆيگۈسىنىڭ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدا بار بولغان تەبىئىىي بىر سۆيگۈ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇ مۇھەببەت ۋە سۆيگۈنىڭمۇ چەك چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك. شۇڭا ۋەتەنپەرۋەلىكنىمۇ ئىجابىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سەلبىي ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئىسلام قوللايدىغان ئىجابىي ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك-يۇرت ۋەتەننى سۆيۈش، ۋەتەننىڭ ھەق ھوھۇقىنى ئادا قىلىش، ۋەتىنىگە ۋاپادار بولۇش، ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەش، ۋەتىنىنى دۈشمەنگە قارشى مۇداپىئە قىلىش، ئەگەر ۋەتىنى ئاسارەتكە چۈشۈپ قالغان بولسا ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىسسىق جېنىنى، تاتلىق مېلىنى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى پىدا قىلىپ جىھاد قىلىش، ۋەتەندە بىرلىكتە ياشايدىغان بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلام پەرز قىلغان قېرىنداشلىق رىشتىسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئۆز ۋەتىنىگە قارىتا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىشى پەرز ئەيندۇر ۋە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پەرز كۇپايىدۇر.

ئىسلام رەت قىلىدىغان سەلبىي ۋەتەنپەرۋەرلىك

ئىسلام دىنى يۇرتۋازلىقنى، مەھەللىۋازلىقنى ۋە تار مىللەتچىلىكنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇلار دۈشمەنلەرنىڭ، ئىستېلاچىلارنىڭ ئىشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىللەتلەردۇر. يۇرتۋالىق ۋە مەھەللىۋازلىقتىن بىر ۋەتەننىڭ گرەژدانلىرى تۇرۇپ، بىر بىرىنى ياراتمايدىغان، بىر بىرىنى كەمسىتىدىغان، ئۆز يۇرتىدىن ياكى ئۆز مەھەللىسىدىن بولغانغا يان بېسىپ، باشقا يۇرتتىن بولغان دىنى قېرىندىشىنى يەكلەيدىغان، باشقا يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەقسىىزلىققا ئۇچرىغانغا يار يۆلەك بولمايدىغان، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ياردەم قىلمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مەنبىئى ئىسلام ئەقىدىسىدۇر

مۇسۇلماننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ئىسلام ئەقىدىسىدىن كېلىدۇ. ئىسلام ۋەتەن تۇيغۇسىنى ئەقىدىگە باغلايدۇ. يەنى ئىسلام نەزىرىدە ۋەتەن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ خاس ۋەتىنى بىلەن پۈتكۈل مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ياشايدىغان ئومۇمىي ۋەتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ۋەتىنىدۇر. دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىسا، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئۇ ۋەتەننى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئە قىلىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش پەرز بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام خۇسۇسىي ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئومۇمىي ۋەتەن تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ قايسى بىرىنى تەرك ئېتىش ئىسلامغا ئۇيغۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك بولمايدۇ. ئىسلامنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىكتۇر. مۇسۇلماننىڭ ۋەتىنىنى سۆيۈشى ھاياتنى سۆيۈشى بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن چىقىرىلىشى بۇ ھاياتتىن ئايرىلىش بىلەن تەڭدۇر. دېمەك ئىجابىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلامدا جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىسلام تەرغىب قىلىدىغان پەرز ئىشلاردىندۇر. ئىسلامدا قوغداشقا ۋە ئۇ يولدا جان بېرىشكە تېگىشلىك بەش نەرسە بار، ئۇ ئىسلام فىقھىدا «بەش زۇرۇرىيەت» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دىن، جان، مال، نومۇس ۋە ئەقىلدۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى مال ۋە نومۇس ۋەتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ۋەتەن يولىدا ئۆلگەن مۇسۇلمان شېھىت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم شېھىت بولىدۇ.» دېگەن. ۋەتىنىمىز بىزنىڭ مۈلكىمىز، شەرىپىمىز، نومۇسىمىز ۋە ھەر نەرسىمىزدۇر. ۋەتەننى قوغداش ئۇنىڭ غېمىنى يېيىش بىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى دىنىي ۋە مىللىي بورچىمىزدۇر.»