ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا «خىتايدىكى ئىسلامى ئاۋاز» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

10-يانۋار كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا «خىتايدىكى ئىسلامى ئاۋاز» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا چاقىرىلغان بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكا كانسان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئارىئەننە دۋيەر خانىم، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى راچەل خاررىس خانىم، خىتاينىڭ شەنشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ما چياڭ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت، كانادادىن ئاينۇر قادىر، ئامېرىكىدىن لىسا رۇس خانىم، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇنسلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىقبال، فرانسىيىدىن مۇقەددەس مىجىت خانىملار قاتناشقان ۋە ئىلمىي دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئەزىز ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بۇ يىغىن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى راچەل خاررىس خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.