3-نويابىر قىرغىزىستاننىڭ قارابالتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن 300گە يېقىن كىشى جەم بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، يېتىم-يېسىر كەمبەغەللەرگە بولغان مېھرىبانلىقى بىلەن جامائەتكە تونۇلغان مۆتىۋەر ئاقساقال ئىسمائىل ھاجىم تۇردىيىفنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئىسمائىل ھاجىم 1-نويابىر كۈنى 85 يېشىدا قارابالتىدا ۋاپات بولغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمائىل ھاجىم تۇردىيىف 1930-يىلى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1962-يىلى يۈز بەرگەن كۈچ-كۈچتە مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈپ چىققان.
قارابالتا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىگىت بېشى بەختىيار ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسمائىل ھاجىم 1965-يىلى قارابالتا شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان ئىسمائىل ھاجىم ئۆز تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېتىم-يېسىرلارغا، مېيىپ بالىلارغا ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن كۆپ قېتىملاپ خەيرى-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئىسمائىل ھاجىم «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە دىنىي جەھەتتە تەڭ يېتىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، قارابالتاغا ئۆز خىراجىتى بىلەن «ھەزرىتى ئۆمەر» نامىدا مەسچىت قۇرغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەن شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ بىر ياراملىق ئوغلانىدىن ئايرىلدى.»
«ئىتتىپاق جەمئىيىتى» قارابالتا شۆبىسىنىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم زىيالىي تەلئەت باقى مەرھۇم ئىسمائىل ھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەرھۇم ئىسمائىل ھاجىكام مىللەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، قولى ئوچۇق، نامرات، كەمبەغەللەرگە ياردەمنى ئايىمايدىغان سېخىي-مەرد ئادەم ئىدى. ئىتتىپاق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە تولۇق قاتنىشىپ، قولىدىن كەلگەن ياردىمىنى بېرىپ تۇراتتى. ‹ئىتتىپاق گېزىتى› گە ئۆزى يېزىلىپلا قالماستىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قولۇم-قوشنىلارنى گېزىتكە يېزىلىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئىسمائىل ھاجىكام گەرچە ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت ھەققىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆز ۋاقتىدا ئىسمائىل ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ھەزرىتى ئۆمەر» مەسچىتىنىڭ مەدرىسىسىدە ئىسلام دىنىغا ئائىت بىلىملەرنى پۇختا ئۆگەنگەن ياشلاردىن بىر قانچىسى ھازىر قارابالتادىكى مەسچىتلەردە ئىمامەتچىلىك ۋە مەزىنلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەكتە ئىكەن.