قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قۇربان ھېيتنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە بىر يەرگە جەم بولۇپ بىرلىكتە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.
قۇربان ھېيتنىڭ 2-كۈنى يەنى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل توپقاپىدىكى تۈرك دۇنياسى باغچىسىغا جايلاشقان زىننەت رېستورانىغا يىغىلىپ، قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋ ئە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت جۈمە نامىزىدىن كېيىن باشلانغان بولۇپ 3 سائەت داۋام قىلدى. پائالىيەتتە ئاياللار ئۈچۈن رېستوران ئىچىدە، ئەرلەر ئۈچۈن سىرتتىكى مەيداندا داستىخان سېلىنغان بولۇپ، ئۆسمۈرلەر ئەتراپتىكى چىملىق مەيداندا ھەر خىل ئويۇن ئوينىدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قۇربان مېيىتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئارقىدىن دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارا ئادۋوكاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان ئەپەندى بايرام تەبرىك سۆزى قىلدى.
كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى. شېئىر ئوقۇدى، قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. نەسىر ئوقۇدى. قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى.
قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر قىزى مەنزۇرەنىڭ قۇربان ھېيتلىق تەبرىك نەسرى يىغىن ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى. مەنزۇرە قىزىمىز ئالدى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە ئانا ۋەتەننى ئىپادىلەپ ھېسسىياتلىق ۋە جانلىق ئوقۇلغان قۇربان ھېيتلىق نەسىر كىشىلەرگە ۋەتەننى ئەسلەتتى ۋە كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ھەممەيلەن بىرلىكتە دۇئا قىلدى. تۈرمىلەردە ناھەق يېتىۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ۋە شېھىت بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى شۇنداقلا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەم دۇئا قىلىندى.
بىز قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار ۋە ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.