قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارمۇ ھېيت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ۋە بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا دېڭىز بويىدىكى چىملىق مەيدانغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
چىملىق مەيداندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان سۆز قىلىپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز-ئارا ئاداۋەتنى يۇيۇپ، قېرىنداشلىق، دوست-بۇرادەرلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، بىرلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىلياز ساكا، پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا مەيدان ئەتراپىغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك-بايراقلار بىلەن چوڭ ھەجىمدە قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان. مەيداندا ئۆسمۈر بالىلارغا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يەنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كۆك شار تارقىتىلغان بولۇپ بايراق ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇردى.
پائالىيەت ئاخىرىدا پۈتۈن كىشىلەر بىر -بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى. ئاخىرىدا قۇربانلىق زىياپەت بېرىلدى ۋە دۇئا ئوقۇلدى.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلكەرىم كۇچار بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇربان ھېيتىنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى، قۇربان ھېيتنى ئەل-يۇرت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ قايغۇسىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش، تونۇشمىغانلارنى تونۇشتۇرۇش، يېڭى كەلگەنلەر بىلەن ئىلگىرى كەلگەنلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە بىرلىك-باراۋەرلىك، ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز يەنە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلاردىن ئىبراھىم قارىم ۋە ئالىمجان ئابىتلەر بىلەن قۇربان ھېيت پائالىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.