ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلدى
2018.06.04
رامىزان پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئاي روزا تۇتۇپ، تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شۇنداقلا رەھىم-شەپقەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ئېيى دەپ قارىلىدۇ.
باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئىيۇن، يەنى شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا زور تىپتىكى ئىپتار زىياپىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىپتار پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.
ئىپتار پائالىيىتى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، جامائەتنىڭ روزا-رامىزان ئېيىنى تەبرىكلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك-باراۋەرلىكنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى لازىملىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە جامائەتنى دۈشمەننىڭ سۇيىقەستلىرىگە ئالدانماسلىققا، پىتنە-ئىغۋالاردىن ھوشيار تۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق قىلدى.
ئارقىدىن جامائەت ۋەكىللىرىدىن مەخمۇتجان داموللام ۋە ھەبىبۇللا كۈسەنى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن روزا-رامىزاننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا مەخمۇتجان داموللامنىڭ باشچىلىقىدا ۋەتەن ئىچىدىكى زۇلۇم ۋە بېسىملارنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئالار ئوقۇلدى.
ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئادىل ئىشان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ روزا-رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد-ئىشەنچ ۋە جاسارەت تىلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ياشىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر زامان توپلىشىپ بىرلىك-باراۋەرلىكتە ياشاشنى خالايدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان نەچچە مىڭ كىشىنىڭ بۇنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.