رامىزاننىڭ ئاخىرى كۈنلىرىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار قىلدى، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەر كۈچەيتىلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ مەيدانىدا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. زىياپەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال كىچىك بالىلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىپتار ئېچىشتىن ئىلگىرى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى، كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قىسقىچە بىر سۆز قىلدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن سورۇنغا ھازىر بولغان ئەر - ئايال ھەممەيلەننىڭ روزا رامىزانىنى تەبرىكلىدى ۋە ھەممەيلەننىڭ رامىزاننىڭ پەزىلىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا بېسىم ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر خەلقىگە دۇئا قىلىش شۇنداقلا تايلاند خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەكىتلىدى.
ئىپتار ۋاقتى كېلىش بىلەن ھەممە بىردەك دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى شۇنداقلا تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە دۇئا قىلىندى.
مېھمانلار بىرلىكتە ئىپتار قىلدى ۋە ئىپتاردىن كېيىن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇلدى كېيىن خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
بىز بۇ ئىپتار پائالىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ئىشلار مەسئۇلى كېرەم قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
كېرەم قارىم بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ رامزان ئىبادىتىنى بىرلىكتە قىلىش، ئۆز-ئارا قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ۋە دوست - قېرىنداشلارنى بىر يەرگە جەم بولۇپ سۆھبەتلىشىش، دىدارلىشىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.