ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت پائالىيىتىدە يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنى ياد ئەتتى

0:00 / 0:00

ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 2013 - يىلى 9 - ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ روزا ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان زىننەت رىستوراندا روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئارقىدىن پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا - رامىزان ئىبادەتلەرنى قىيىن ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، دىنىي ۋە مىللىي بايراملارنى خوشال - خورام ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە يەنە، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل مەزمۇندىكى شېئىرلارنى جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە قىلدى. يىغىن ئەھلى ئۆسمۈر بالىلارنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچى مۇھەممەد تورسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتىسىيە قىلدى.

يىغىن زالىنىڭ ئىچىدە ئاياللار، سىرتىدا ئەرلەر ئولتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى ئۆز - ئارا قۇچاقلىشپ كۇرۇشتى. ھال - ئەھۋال سوراشتى. روزا ھېيىت بارامنى قىزغىن تەبرىكلەشتى. ئىش ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئۇزۇن زامان ئۇچرىشالمىغان تونۇش بىلىش، دوست - يارانلەر بۇ كۈندە ئۇچرىشىپ ئۆز - ئارا بىر - بىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشتى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇرات ئورخۇن ئەپەندى، روزا ھېيت بايرىمى ئۆز يۇرتىدا، ئاتا - ئانا ئۇرۇق - توغقانلار بىلەن مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلسە كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى، ئەمما، ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ غېرىپ - مۇساپىرلىقتا ئۆتۈۋاتقان ھاياتتا، روزا ھېيتنى كۈتىۋېلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، لېكىن يات ئەلدە بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆز - ئارا جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن بۇ خىل ھېيت بايراملارنىڭ بىر دەملىك بولسىمۇ مۇساپىرلىقنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆڭلىنى خوشال قىلىدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ ياخشى بىر ھېيت بايرام ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.