ئاشكارىلىنىشىچە، كورلىدىكى يۈزلىگەن كەنتتىن قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭ ئۆزىدىنلا 250 چە جايناماز «دىنىي تۈسى قويۇق» دېگەن سەۋەب بىلەن يىغىۋېلىنغان. سىدام جاينامازلارغا يول قويغانلىقىنى بايان قىلغان كەنت سېكرېتارى، مەسچىت ۋە مەككىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن رەڭدار جاينامازلارنى يىغىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە كىشىلەر ئۆيلىرىدە دىنىي تۈسى قويۇق جاينامازلارنى ساقلىسا، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئويۇن-تاماشىدىن قېچىش قاتارلىق ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئالامەتلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىش ئېھتىمالى بارلىقى ۋە بۇنىڭ مۇقىملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كورلىنىڭ كاڭدۇ مەھەللىسىدە ئېچىلغان ئۆزىنى ئاشكارىلاش يىغىنى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا ئاھالىلەر قوللىرىدىكى دىنىي كىتابلار بىلەن بىرلىكتە جاينامازلارنىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلغان.
بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مەزكۇر يىغىن ئېچىلغان كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشتۇق. ئاخىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كورلا شەھەر قارا يۇلغۇن يېزا ئارا بۇغرا كەنت سېكرېتارى، ئۆز كەنتىدىن ئاز دېگەندە 250 جاينامازنى يىغىۋالغانلىقىنى پاش قىلىش بىلەن بىرلىكتە يىغىۋېلىنغان جاينامازلار ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى، سىدام جاينامازلارغا يول قويدۇق؛ مەسچىت ۋە كەبىنىڭ رەسىمى بار بولغان، دىنىي تۈسى قويۇق جاينامازلارنى يىغىۋالدۇق.»
كەنت سېكرېتارىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتتىكى كەسكىنلىك سەۋەبىدىن كىشىلەر ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئادەتتە تاپشۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنمىغان سىدام جاينامازلارنىمۇ ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئۆزىنىڭ ئاكتىپ بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ كەنت سېكرېتارى، رەڭدار جاينامازلارنى يىغىۋېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، جايناماز ساقلانغان ئۆيدە ئالدى بىلەن پاكىزلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاندىن جاينامازدىكى كەبە ۋە مەسچىتلەرگە ھۆرمەت قىلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆيدە كەيپ-ساپا قىلماسلىق ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.
مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ كىشىلەرنى ئەسەبىيلىككە يېتەكلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزكۇر سېكرېتار، ئەگەر بۇ جاينامازلار تەلتۆكۈس يىغىۋېلىنمىسا ئۇنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللاردىن بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كەنت سېكرېتارى سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدە، خىتاينىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ پەرەز قىلىنغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ خەتەر ئېھتىماللىقى چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا سەل قارىمايۋاتقانلىقى ۋە جاينامازلارنى مانا مەقسەتتە يىغىۋېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.