ئۇيغۇر دىيارىدىكى جۈمە نامىزى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامازغا ئالاقىدار 7 نۇقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى» نامىدىكى بىر ھۆججەتنىڭ فوتو رەسىمى تارالغان. مەزكۇر ھۆججەتتە تەكىتلەنگەن جۈمە نامىزىدا «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خوتەننىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى تىلەيمىز» دېگەن تىلەكلەرنى تىلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر، چەتئەللەردىكى فېيسبوك قاتارلىق تاراتقۇلاردا مۇنازىرە قوزغاپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە جۈمە نامىزىدا گەرچە مەزكۇر بەلگىلىمىدە تىلغا ئېلىنغان سۆز-ئىبارىلەر ئەينەن ئورۇنلانمىسىمۇ، ئەمما ئىمامنىڭ خۇتبىدە جامائەتكە سۆزلەيدىغان ۋەز نەسىھەتلىرىدە، «خىتاي كومپارتىيىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىش» ھەققىدىكى سۆز-ئىبارىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى دەلىللەندى.

خوتەندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، خوتەندىكى مەسچىتلەر ۋە خوتەندىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىز ئۇلانمىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەن دائىرىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «جۈمە نامىزىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىدا بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق.

بۇ خىتاي كادىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان مەزكۇر ھۆججەتتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇب-شىمال رايونلىرىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ كادىرلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە جۈمە نامىزى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلمىدى.

ئۇ: «ئەلۋەتتە، توردا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خىل ئۇچۇرلار ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما ئىشەنچلىك دەرىجىسى قانچىلىك بۇنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شىمالدىكى رايونلاردا زور پەرق بولمىسا كېرەك. چۈنكى، دىنىي پائالىيەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ دىنىي سىياسىتى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. سېكرېتار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، ھەقىقەتەنمۇ جايلاردىكى ھەرقايسى يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، يېزىلاردىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە نازارەت قىلىش. دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما ۋە دىنىي زاتلار ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ناھىيىمىزدە بۇ جەھەتتە چوڭ مەسىلە يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەسچىتلەردە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئوقۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۈمە نامىزىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئىمامنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەرگە تەتبىقلاپ جامائەتكە چۈشەندۈرۈش ۋە جامائەتنى ھۆكۈمەتنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە مىننەتدار بولۇشقا ئۈندەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شۇ يەر ۋاقتى پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئادەتتە 5 ۋاق نامازنى تولۇق ئوقۇيالمىسىمۇ، ئەمما ئۆز مەھەللىسىدە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىغا تولۇق قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى نۆۋەتتە، يۇرتىدا ئوقۇلۇۋاتقان جۈمە نامىزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا جۈمە نامىزىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىمامنىڭ باشچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئىمامنىڭ جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى نامازخانلارغا قىلىدىغان ۋەز نەسىھەتلىرىدە جامائەتنى يۇرتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئېجىللىقىنى ساقلاشقا ئۈندەش بىلەن بىللە، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە كومپارتىيىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىش ئىماملارنىڭ سۆزىدىكى قېلىپلاشقان مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامازغا ئالاقىدار 7 نۇقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى» نامىدىكى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتىغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا، مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمىلەر ھەققىدە تارقىتىلغان ھۆججەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما جۈمە نامىزىدا جامائەتنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ دۇئا قىلغىنىدا، ئەل-يۇرتنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ، كومپارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يارىتىپ بەرگەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاۋازلىق تەكرارلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چەتئەللەردىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئەپەندى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى مەخسۇس بەلگىلىمە-قائىدىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى ئۇچۇرلاردا تارقالغان خوتەندىكى جۈمە نامىزىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقىگە مىللىي زۇلۇم ۋە دىنىي زۇلۇم قىلىۋاتقان، دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان، خىتايدەك مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، مەيلى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى مىللىي غۇرۇر جەھەتتىن بولسۇن، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۈمە نامىزىدا جامائەتكە ئىمامەتچىلىك قىلىۋاتقان دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ۋە دىنداش قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەھەتتىكى چەكلىمە-سىياسەتلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇنداق شارائىتتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇرئاندا تەكىتلەنگەن «زۇلۇم ئالدىدا سەۋر قىلىش، ئارتۇقچە قۇربان بېرىشتىن ساقلىنىش» ھەققىدىكى ئايەتلەرنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قائىدە-بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دىنىي ئېتىقادى ۋە خەلق ئالدىدىكى ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇمىغان، ئاللاھقا چىن ئېتىقادى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان بولسىلا، ئۇلارنىڭ يەنىلا خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ خىل دىنىي زاتلارنى 2014-يىلى قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرغا ئوخشاش دىنىي ۋە مىللىي مۇناپىقلاردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.