جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە ئىككى يىل بولغاندا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى

0:00 / 0:00

قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر 2014-يىلى 30-ئىيۇل كۈنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، يەنى بۇ يىل 17-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ خەيلۇن مەخسۇس قەشقەرگە بېرىپ جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سورىغان.

ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ چېن چۈەنگونىڭ ئالاھىدە ھاۋالىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلاردىن ھال سوراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

جۇ خەيلۇن مۇنداق دېگەن: «جۈمە تاھىر داموللام پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى دىنىي بىلىمى بىلەن ئېتىقادچى ئاممىغا دىنىي دەستۇرلارنى توغرا چۈشەندۈرۈش ۋە شەرھلەشتە ئۈلگە كۆرسەتكەن. ھەل قىلغۇچ پەيتلەردە بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى تۇرغان. كەڭ ئېتىقادچى ئاممىنى توغرا يول ۋە توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.»

چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نېمە سەۋەبتىن جۈمە تاھىرنى ئەسلەپ قالدى؟ ئۇنىڭ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ جۈمە تاھىرنىڭ ئائىلىسىنى يوقلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مەلۇمكى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئارىدىن 9 كۈن ئۆتكەندە، جۈمە تاھىر قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ سۆزىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس-شەرىف» نى شىپى كەلتۈرۈپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە قاتناشقان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. ئۇ يەنە ئىسلام ئەھكاملىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ شەرھلەيدۇ.

جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلۈپ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇنىڭ ئەرۋاھىنى يەنە چاقىرىپ، ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلماقچى بولغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، 1985-يىلىدىن تارتىپ جۈمە تاھىرنىڭ كىملىكى ھەققىدە گۇمانىي قاراشلارغا كېلىپ بولغان، بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئەركىن ھاجىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن ئۇچۇر بەردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۈمە تاھىرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھېيتگاھ جامەسىگە ئىماملىققا تەيىنلىنىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەيدۇ.

جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمۇ دىنىي ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. ئۇ جۈمە تاھىرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ جارچىسى سۈپىتىدە «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» نى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا ئەمەس، بەلكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇپ خاتا شەرھىلەپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

مەككە مۇكەررەمدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىيلاردىن سىراجىدىن ھاجىممۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئىسلام دىنىدا قارا-قويۇق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە قان تۆكۈشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ئەمما جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بۇ كاتېگورىيەدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە باشقا ھېچكىم جاۋابكار بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گوللاندىيەدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىيلاردىن ئەيسا ساۋۇت قارىممۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۈمە تاھىرنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن ھېچقانداق پەرقى يوق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىمۇ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۈمە تاھىر ۋەقەسىنى «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى شۇنداقلا تارىخنىڭ جازاسى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مەمەت توختى ئەپەندى ئاخىرىدا، جۈمە تاھىرنىڭ ھېيتگاھ جامەسىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئورۇننى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات يۈرگۈزۈشتىكى سەھنىسىگە ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقى، ئۇنى ئاللىقاچان جەھەننەمگە بەخشەندە قىلىپ بولغان، دەيدۇ.