چەتئەللەردىكى دىنىي زاتلار «جۇڭگو ئىسلام تورى» ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «جۇڭگو ئىسلام تورى»نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ئالاھىدە داغدۇغا بىلەن ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان دىنىي زىيالىيلار بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئوز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنچە يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئىسلام دىنىنىڭ ساغلام ئەقىدىسىنى مەقسەت قىلغان ئىسلامىي تور بەتلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزى باش بولۇپ، ئىسلامىي تور بەت ئاچتى؟

بۇ ھەقتە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گوللاندىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.