ئۇيغۇرلاردا بىر بىرىگە كىتاب سوغا قىلىش قىزغىنلىقى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.10.07
turpan-meschit-ramazan.jpg تۇرپاندىكى ئېمىن مەسچىتىدە تۇرغان ئۇيغۇر. 2013-يىلى 27-ئىيۇن.
AFP

كىتاب ئەقىل چىرىغى، كىتاب ھاياتلىقنىڭ مەشئىلى. مول تىل-يېزىق، ۋە مەتبەئەچىلىك مەدەنىيىتىگە، قەدىمىي مائارىپ تارىخىغا، تىل ئەدەبىياتقا باي بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىتابنى قەدىرلەش ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەتتۇر.

ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە بوھرانلار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابخۇمارلىق ئەنئەنىسىگە يەنىمۇ جانلىق ۋە ئاكتىپ ۋارىسلىق قىلىش، مىللىي ئويغىنىش ۋە مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مانا بۇ نۇقتىنى تونۇغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان، كىتابخۇمارلىق ئەنئەنىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا بىر بىرىگە كىتاب-بىلىم سوغا قىلىش چاقىرىقى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالقىشلىنىۋاتقان كىتاب سوۋغا قىلىش چاقىرىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ سۆيۈندۈردى.

كىتاب سوغا قىلىش مەيلى ھەر قايسى دىنلاردا بولسۇن ۋە ياكى ھەر قايسى مىللەتلەردە بولسۇن ئوخشاش تەشەببۇس قىلىنىدىغان، مەدھىيىلىنىدىغان ياخشى ئادەت بولغىنىدەك، ئۆز-ئارا كىتاب ھەدىيە قىلىش، ۋە سوغا سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان كىتابلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلاش ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇزۇن زامانلاردىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنىسىدۇر.

شۇنداقلا بۇ، ئالىملارنىڭ تەپەككۇر جەۋھەرلىرى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، تۈرلۈك بىلىم، ئۈگۈت دەستۇرلىرىنىڭ جۇغلىنىشى، تارقىلىشى ۋە يوقالماي كېيىنكىلەرگە يېتىپ كېلىشىدىمۇ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن.

بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلار بۇ گۈزەل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.

بىر بىرىگە كىتاب يەنى بىلىم تەقدىم قىلىشتەك گۈزەل مەدەنىيەتنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئوينىلىۋاتقان كىتابخۇمار ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە، ھەر خىل مۇراسىملاردىن پايدىلىنىپ، باشقا كۆڭۈل سوۋغىسىنىڭ ئورنىغا كىتابنى بىر بىرىگە ھەدىيە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلاملىرىدا زور ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر مەسچىتنىڭ ئىمامى، جۈمە خۇتبىسىدە جامائەتكە: «ھازىر توي تۆكۈن، مېھماندارچىلىقلاردا رەخت، كىيىم-كېچەك، زىبۇزىننەتكە ئوخشاش بۇيۇملارنى سوغا قىلىشىمىز، مۇشۇ سوۋغاتلارنىڭ تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ باقساق، سىلەر قانداق سوغىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارايسىلەر؟» دەپ مۇراجىئەت قىلغان.

جۈمە نامىزىغا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى خۇددى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا «كىتاب، كىتاب، كىتاب!» دەپ سادا چىقارغان. بۇنىڭدىن جامائەت ھەم بەك سۆيۈنگەن ھەم «ھەممىمىز كىتاب دېيىشتۇق، دىلىمىز بىركەن، نىيىتىمىز بىركەن، قەلبىمىزدىكى ئارزۇيىمىز بىر ئىكەن، بۇندىن كېيىن كىتاب سوغا قىلىشايلى بىلىم سوغا قىلىشايلى بىزدە كەم نەرسە پەقەت شۇ، ئەگەر مۇشۇ خىيالىمىزنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالىساق، بىلىمىمىز ئاشىدۇ مىللىي مەتبۇئات تەرەققىي تاپىدۇ....» دېيىشىپ، كىتاب سوغا قىلىشنىڭ ئىسلام دىنىدىمۇ ساۋابلىق ئىش سانىلىدىغان ياخشى ئادەت ئىكەنلىكىدەك ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابخۇمارلىق، كىتاب سوغا قىلىش ئادىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى جەمئىيەتتە كەڭ تەشەببۇس قىلىش مەقسىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مەيدانلىرىدا قويغان ۋە تېز ئارىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن، ھالبۇكى ئىككى كۈنگە بارماي بۇ تېمىدىكى يوللانمىلار تور دۇنياسىدا چەكلىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتاب سوۋغا قىلىش چاقىرىقىدەك ساپ مەدەنىيەتنى، بىلىمنى، ئەخلاق ئەنئەنىنى تەشەببۇس قىلغان تېمىلارنىڭمۇ چەكلىنىۋاتقانلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىن كانادادا ياشاۋاتقان شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى «بىر بىرىگە بىلىم ھەدىيە قىلىش تەشەببۇسى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرنى يوقىتىش ئارزۇسىدىكى خىتاينى بىئارام قىلىشى تەبىئىي» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە تېخنىكىسى خېلى بۇرۇنلا تەرەققىي قىلغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن كىچىك يېزىلارغا قەدەر مەتبەئەچىلىك، خۇسۇسىي كىتابخانا ئېچىشنى كەسىپ قىلغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلار بار.

تۈركىيەدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نەمۇنىلىك كارخانىنىڭ بىرى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان«تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ قۇرغۇچىسى نەشرىياتچى جېلىل تۇران ئەپەندى، كىتاب سوغا قىلىش ئەنئەنىسىنىڭ ئۇيغۇرلاردا جانلىنىشىنى قارشى ئالدى ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ بۇنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى،شۇنداقلا كىتاب سوغا قىلىش شەكىللىرىنى رەڭدارلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.