26-ئىيۇن كۈنى پىچان لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانا قاتارلىق خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېنىق كىملىكلىرى ۋە ئىش-ئىزلىرى تېخىچىلا يوشۇرۇن تۇتۇلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن ئەخمەتنىياز سىدىق بىلەن ئىبراھىم ئېلىدىن باشقىلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئېلان قىلمىدى. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە يەرلىك دائىرىلەردىن ئەھۋال سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق، ھۇجۇمچىلاردىن يارىلىنىپ ئەسىر چۈشكەن ئابدۇللا ئىسراپىل ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلاردىن 3 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە ئەسىر ئابدۇللا ئىسراپىل بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەقەدىن 4 كۈن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەدە رول ئالغان.
مۇخبىر: بۇ لۈكچۈننىڭ مۇقام كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ؟
خادىم: شۇنداق، پارتىيە ياچېيكىسى.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ۋەقەدە سىلەرنىڭ كەنتتىن ئۆلگەن-يارىلانغانلار بارمۇ-يوقمۇ؟
خادىم: بار.
مۇخبىر: قانچە نەپەر؟
خادىم: ئۈچ.
مۇخبىر: ئۇلار كىملەر؟
خادىم: ساقچى ئادىل ئابلىز، 27 ياش؛ ياردەمچى ساقچى يەھيا ئىسراپىل، 21 ياش؛ ئالاھىدە ساقچى جاپپار ئوسمان، 30 ياش؛ ھەممىسى مۇقام كەنتىدىن.
مۇخبىر: ئالاھىدە ساقچى قانداق ئۆلتۈرۈلۈپتۇ؟
خادىم: بوغۇزلاپ.
مۇخبىر: باشقىلىرىچۇ؟
خادىم: توختاڭ، سېكرېتارغا بېرەي....
مۇخبىر: سىز مۇقام كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ئالىمجانمۇ؟
خادىم: شۇنداق، ئالىمجان نۇر.
مۇخبىر: ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا سىلىنىڭ كەنتتىن قېتىلغانلار بارمۇ؟
سېكرېتار: بىرى بار.
مۇخبىر: كىم؟ نېمە ئىش قىلىدىغان بالا؟
سېكرېتار: ئابدۇللا ئىسراپىل، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان ئىدى؛ ساقچىلار بىلەن بېرىپ ئاتا-ئانىسىدىن سۈرۈشتە قىلساق، 22-چېسلا(ۋەقەدىن 4 كۈن بۇرۇن) ئۆيىگە كەلگەن ئىكەن. ۋەقەدە قولىغا ئوق تېگىپ يارىلىنىپتۇ، ھازىر دوختۇرخانىدا،ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا.
مۇخبىر: ئابدۇللا ئىسراپىلنىڭ بۇرۇن دىققىتىڭلارنى تارتقان ئىش-ھەرىكەتلىرى بولغانمۇ؟
سېكرېتار: ساقال قويىدىغان بولۇۋالغان، ساقىلىنى چۈشۈرگۈزۈۋەتكەن ئىدۇق.
مۇخبىر: ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ ئۆلۈم مۇراسىملىرىغا قاتناشتىڭىزمۇ؟ ئائىلىلىرىنىڭ ئىنكاسى قانداق؟
سېكرېتار: قاتناشتىم ھەم ئائىلىلىرىگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىدۇق. ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى رازى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق. (ئۆلگۈچىلەر ئائىلىسى تەرەپتىن) باشقا بىر مەسىلە چىقمىدى.
خىتايچە تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-ئىيۇل يەنى چارشەنبە كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، لۈكچۈندىكى ۋەقەدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ ئۆلگەنلەردىن بىرى دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى ئابلىمىتتۇر. ئۇ شۇ كۈنى چېنىقىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان بولۇپ، ئۇ ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر خىتايغا ھېسداشلىق قىلىپ قوغداشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. يەنە شۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن ساقچىلاردىن بىرى 29 ياشلىق ئابدۇسالام ھەبىبۇللا بولۇپ، ئۇ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقى سەۋەبلىك، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان. خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان مەزگىلىدە ساقچىخانىدا 9 نەپەر خادىم نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ۋەقەدە يېنىك يارىلانغان ساقچىخانا باشلىقى ئىلى چاڭچىڭ قورقۇپ كېتىپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىدىن سەكرەپ قېچىپ كەتكەن. ئۇ نۆۋەتتە پىچاندىكى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.