يېقىندا فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىسىردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاي تەرەپتىن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئائىت بىر فىلىم تارقالغان.
فىلىمگە قارىغاندا، مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېچىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن بىر ئۇيغۇر خادىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «بارسا كەلمەس يول» غا ماڭماسلىققا دەۋەت قىلغان. ئەمما ئۇ، بۇ يول ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن. ئۆزىنىڭ خىتايدىن كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ ئايال خادىم يەنە ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىزاھات ۋە ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق رەسمىيەتلىرىنىڭ كوچا-كويلاردا ئاشكارا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، رەسمىيىتى تولۇق بولمىغانلارنىڭ ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، يەنە بەزىلىرىنىڭ سىرتلارغا چىقماي ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون ئۇرساق، تېلېفون ئۇلانمىدى.
ۋەقەدىن خەۋەردار گوللاندىيەدىكى ئوبۇلقاسىم ئابدۇئېزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تونۇشلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بۇ خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
يېقىندا مىسىردىن ياۋروپا ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس بولمىسا كېرەك.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىيلاردىن ھۈسەيىن تەجەللى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىسىردا تۇرغان چاغلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خىتايلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئۆز چۈشەنچىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئوبۇلقاسىم ئابدۇئېزىز ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مىسىردا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل يولسىزلىقلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارلىرىدا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرىنىڭ ۋەتەن سىرتىغا كېڭىيىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ مىسىردىكى بۇ خىل زوراۋانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىشتىن، نومۇس قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋەتەنگە قايتالماي قالغان دىنىي ئۆلىمالاردىن ئابدۇراخمان قاراجىممۇ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشىپ، مىسىر دىنىي ئىلىمنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى، دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بىر يەر بولۇشىغا باقماي، ئەل سىسى ھاكىمىيىتىدىن كېيىنكى بۇ خىل يۈزلىنىشكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىنى ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00