ئامېرىكىلىق ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى روبېرت: موسكۋا ۋە مەسچىتلەر

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.03.11
moskwa-meschitler.JPG ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى روبېرتنىڭ «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «موسكۋا ۋە مەسچىتلەر» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى.
RFA/Qutluq

ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى روبېرتنىڭ «موسكۋا ۋە مەسچىتلەر» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى يېقىندا ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلنىڭ 3-ۋە 4-ئايلىق قوشما سانىدا ئېلان قىلىنغان.

روبېرت ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى. ئۇنىڭ «ئىسلام، رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ئەسىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

روبېرت ئۆزىنىڭ «موسكۋا ۋە مەسچىتلەر» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسىدە پۇتىن دىكتاتورىلىقىدىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز دۇچ كېلىۋاتقان رۇسىيە تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قارشىلىقى، بولۇپمۇ تاتار ۋە باشقۇرتلارنىڭ ھازىرقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۆتكەن يىلى ياز پەسلىدىن باشلاپ جەنۇبى كافكازىيە رايونىدىكى رۇسىيەگە قارشى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ شىددەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە دوكۇ ئۆمەروف رەھبەرلىكىدىكى تاتارىستان ۋە باشقۇردىستان مۇجاھىتلىرىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە ئاپتور تاتارىستان بىلەن باشقۇردىستان ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ موسكۋانىڭ شەرقىدىن پەقەتلا 400 ۋە 700 مىل يىراقلىقتىكى تۇپراقلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئاپتور ماقالىدە يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇتىن ھاكىمىيىتىگە قارىتا كۈچلۈك ئۆرلەۋاتقان غەزەپلىرىنى ئىپادىلىشى ئۆمەروفنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىدە رۇسىيە تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ رۇسىيە چېگراسى چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان مۇھەبىتىتىنىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

روبېرت ماقالىسىدە رۇسىيە دۆلىتىدىكى ھازىرقى ئاچقۇچلۇق مەسىلە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلار ئاھالىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى دەيدۇ شۇنداقلا ئۇ ماقالىدە پۇتىن ھۆكۈمىتى رۇسىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلار مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىتىدە كۆپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى رۇسىيە ئىچىدىكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس سىياسىي مۇددىئالىرى بار دەپ تەكىتلەيدۇ.

ماقالىدە ئاپتور «موسكۋا ئۆزىدىكى مۇسۇلمانلارنى كۈچىنىڭ بارىچە كونترول قىلىپ ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىگىچە ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىسلامىي ئەنئەنىۋى قائىدە-يوسۇنلارغىچە قول تىققان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ تىنچ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىپ، ھۆكۈمەتنى ئىسلامنى چۈشىنىشكە ۋە مۇسۇلمانلار مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى» دەيدۇ.

روبېرت ماقالىسىدە «رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلار رۇسىيە نوپۇسىدىكى ئىككىنچى چوڭ دىنىي گۇرۇپپا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەملىكەتتىن بىرىدۇر. رۇسىيە زېمىنى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئېتنىك مىللەتلەردىن ئېزەر، باشقۇرت، چېچەن، قازاق ۋە تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي كىملىكى ئىسلام بىلەن باغلانغان بولۇپ، بۇ مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان زىددىيىتى سىياسىي زىددىيەت بولماستىن، بەلكى دىنىي زىددىيەتتۇر» دەيدۇ.

ئاپتور ماقالىسىدە رۇسىيەدىكى بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە پۇتىننىڭ بەزىدە، دۆلىتىدە 20 مىليون مۇسۇلماننىڭ بارلىقىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتايدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە يەنە، رۇسىيەدە تېخى تىزىمغا ئېلىنماي يۈرگەن ئىككى مىليون مۇسۇلماننىڭ بارلىقى پەرەز قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئەزەربەيجان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئىقتىسادى ئاجىز ئەللەردىن رۇسىيەگە تىرىكچىلىك قىلغىلى كەلگەن مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىن موسكۋاغا كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە چېچەن بۆلگۈنچىلىرى بىلەن جەنۇبىي كافكازىيەدىكى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ موسكۋاغا ئۈزلۈكسىز باش ئاغرىقى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا ۋولگرادتا يۈز بەرگەن بومبا ۋەقەسى بىلەن جەنۇبىي كافكازىيە ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن قوراللىق توقۇنۇشقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە، بۆلگۈنچى ۋە ئىسلامىي كۈچلەرنى ئۇلارنىڭ كىيىنىشىگە ۋە ساقال قويۇشىغا قاراپ تونۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئۆلۈمالارنىڭ ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بىر قىسىم ۋاھابىلار، تەبلىغ جامائەت، ھىزبۇت-تەھرىر ۋە پان ئىسلامچىلارنىڭ رۇسىيە جەمئىيىتىگە يەنىلا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت ماقالىسىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئۇلاردىكى بۇ ئىشەنچ كوممۇنىزم ۋە ئاتىزمنى يېڭىپ، ئۆز دىنىي ئېتىقادلىرىنى قايتىدىن تاپقانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ماقالىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىگە دىنىي تەلىم-تەربىيىلەردە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەدىن كەلگەن ۋە شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باشقا ئەللەردىن تەكلىپ قىلىنىپ رۇسىيەگە كەلگەن دىنىي تەربىيىچىلەرنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئۇلار ئۆز ئالدىغا مەدرىسىلەرنى قۇرۇپ، رۇسىيەدە ئىلگىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن ئىسلامىي يوللار ئارقىلىق، ئۆز ئېتىقادلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە رۇسىيە تەۋەسىدىكى باشقۇردىستان بىلەن تاتارىستاندا ئىسلام دىنىنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، تاتارىستاندىكى خانىم-قىزلار ئارىسىدا چۈمبەللىك ۋە ھىجابلىقلارنىڭ 90-يىللاردىن باشلاپ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، موسكۋا ۋە پېتېربۇرگلاردىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەدەپ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت ماقالىسىدە باشقۇردىستان ۋە تاتارىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلامىي دىنىي پائالىيەتلەرگە رۇسىيە پرېزىدېنتلىرىدىن پۇتىن ۋە سابىق پرېزىدېنت دمىتري مېدۋېدېف قاتارلىقلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكىلىق ئىسلام دىنىي تەتقىقاتچىسى روبېرت ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان: «رۇسىيەدە راھەتسىزلىك ئىچىدە كۆپ خىلدىكى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. پۇتىن ھۆكۈمىتى بولسا ئىسلامنىڭ توغرا ئىزاھاتچىلىرى بىلەن قىمارلاشماقتا. بۇ بىر مەيدان قىماردا رۇسلار ئۇتتۇرسا، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ۋە رۇسلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئاخىرلىشىپ، ئاقىۋەتتە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆز ھوقۇقىنى قولغا ئېلىپ نېمە دېيىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ھېچقىسى يوق، ئۇ چاغدا بەلكىم پۇتىن مەنمەنچىلىك بىلەن دۆلەتلەر ئارا دىنىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.»

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ توختىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.