ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسى خادىمى: «مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋىرىمىز بار، ئەمما ۋاقتىنى بىلمەيمىز»

0:00 / 0:00

بىرقانچە كۈندىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتا. تارقالغان ئۇچۇرلار ئارىسىدا مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ بۇ زات ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ ھەممىسى ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ۋاپات بولغان ۋاقتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى كەڭ كۆلەمدە كۆڭۈل بۆلگەن بۇ خەۋەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومېتىنىڭ بىر خادىمى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە خەۋەرنىڭ راستلىقىنىمۇ كېسىپ رەت قىلالمىدى. ئۇ، «ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىز دەپ يازساق بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي جاۋابى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە بىۋاسىتە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا ئەستايىدىل ۋە تەپسىلىي جاۋاب بەرمىدى. بۇ خادىم سوئالىمىز ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا تېلېفونىنى قويۇۋەتتى.

بىز يەنە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق. بۇ يەردىكى خادىملاردىن بىرى ئۆزىنىڭ كاماندىروپكىدىن يېڭى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئالىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، يەنە بىر خادىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىم بىلەن ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بەزى ئەھۋاللارنى تېلېفوندا دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىز يەنە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ بۇرۇنقى ئىش ئورنى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام ئىنستىتۇتىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپكە تېلېفونىمىز باغلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېلېفوننى قوبۇل قىلمىدى.
بىز ئارقىدىن ئۈرۈمچىدىكى غالىبىيەت يولى، باخۇلياڭ، بەيگە مەيدانى قاتارلىق رايونلاردىكى بىرقانچە ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ ساقچىخانىلاردىكى خادىملار خىزمەت تەۋەلىكىدىكى پەرقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئۈرۈمچىدىكى قارلىغاچ ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ۋاپات بولغان ۋاقتىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغان تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، مەمەت سالىھ ھاجىمنىڭ كۈيئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئاچقان «نۇر كىتابخانىسى» بىلەن «قەلەم كىتابخانىسى» غا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ھەر ئىككى كىتابخانىدىن تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى قىزى نەزىرە ۋە كۈيئوغلى ئادىل تۇنىياز بىلەن بىرگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ بۇ يىل يىگىرمە تۆتىنچى يانۋار كۈنى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ۋاپات بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چىققان ئەڭ يېڭى، ئەمما غەيرىي-رەسمىي خەۋەرلەردە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغانلىقى، ھەتتا بۇ مۇراسىمدا ساقچىلار بىلەن ئاھالىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش چىققانلىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار تىلغا ئېلىنماقتا.