ئەمما، ھەربىر كۋادىراتمېتىر يەرنىڭ باھاسى 25000 يۈەن بولغاچقا، مەسچىت ۋەخپىسىنىڭ پۇلى يېتىشمىگەن. شۇنىڭ بىلەن جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەن. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن مەسچىتكە يەر ئېلىش پائالىيىتىگە قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىشقان. ھەتتا نۇرغۇن ئاياللار ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلىرىنى سېتىپ مەسچىتكە يەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىئانە قىلغان. ھازىرغىچە جەمئىي 13 مىليون يۈەن توپلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەسچىت قەرزنى تېخىچە قايتۇرالمىغان. مەسچىت سېتىۋېلىش خىزمىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا مەسچىتنىڭ يەنە بەش مىليون يۈەن قەرزى بارلىقى ئاشكارىلاندى.
نوغاي مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى 1871 - يىلى باشلانغان بولۇپ، رامىزان ھاجى، شاكىر ۋەلىيۇللاھ قاتارلىق ئۆزبېك، تاتار بايلىرى مەبلەغ چىقىرىپ 10 مو يەر سېتىۋېلىپ مەسچىتنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى سالدۇرغان. 35 يىل كېيىن، 1919 - يىلى مەسچىت كېڭەيتىلگەن. نوغاي مەسچىتىنىڭ چېرتىيوژى قازان تاتار مەسچىتىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن سىزىلغان بولۇپ، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى ئۆزىدە نامايەن قىلغان بىر تارىخىي قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارادا قۇرۇلۇش تارىخى بىر ئەسىردىن ئاشقان بۇنداق قۇرۇلۇشلار تارىخىي ئاسارە - ئەتىقە ئورنىدا قوغدىلىدۇ.
بىز بۇ مەسچىتنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقان - قوغدالمايۋاتقانلىقىغا، مەسچىتنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن - ئېرىشمىگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار بىزگە ھۆكۈمەتنىڭ ئىئانە چاقىرىقىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى چاقىرتىپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، مەسچىتنىڭ مەبلەغ ئىشىغا ئازراقمۇ ياردەم قىلمىغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا ئارىلاشماي جىملا تۇرىدىغان بولسا، بۇنىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىغا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردەم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھۆكۈمەت چەتئەلدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە ئىئانە قىلىشىنى چەكلىگەنلىكتىن ۋە چەتئەلدىن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مەسچىتنىڭ ھېسابىغا ئىئانە پۇل ئەۋەتىش ئىمكانى بولمىغانلىقتىن، مەسچىتكە پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغانلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يېقىنلىرى ئارقىلىق مەسچىتكە پۇل ئىئانە قىلىشى تەشەببۇس قىلىنغان.
بىز نوغاي مەسچىتى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قېيىنچىلىقلار ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۈزىدە خىتاينىڭ مەسچىت قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشىدىكى ئەسلى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي كۈچىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00