پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئاللاھقا بولغان يېقىنلىققا، ئىنسانلار ئارا دوستلۇق، مېھرى-شەپقەت ۋە رەھىمدىللىققا باشلايدىغان ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار پايتەخت ئوسلوغا جايلاشقان ئۇيغۇر مەسچىتىدە خۇشال-خۇرام ھالدا كۈتۈۋالدى.
ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىغا ئىگە چىقىشقا ئىمكانىيىتى بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقان، دىنىي-ئۆرپ ئادەتلەر ئېغىر سىياسىي بېسىم ئاستىدا يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى ياردىمىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسچىتىدە ئىككىنچى قېتىم قۇربان ھېيت نامىزى ئۆتەشكە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاۋۋال ئاللانىڭ بەرگەن بەرىكىتىگە ئاندىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك ئادىل تۈزۈمىگە رەھمەتلىرىنى ئېيتتى.
قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇپ بولۇنغاندىن كېيىن مەسچىت ئىمامى تۇرغۇنجان قارىم نامازغا كەلگەنلەرگە قۇرئان كەرىمىدىن تەپسىرلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
جامائەت ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر ھاجىم ۋەتەن، مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكى،شېھىت كەتكەنلەرنىڭ ياتقان جايىنىڭ جەننەتتە بۆلىشى،ئىنسانلارنىڭ ئىنساپ-دىيانىتىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.
بۈگۈنكى قۇربان ھېيت نامىزىدا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى قېرىنداشلارغا ھېيتلىق سالاملار يوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇن دۇئالار قىلىندى، تەكبىرلەر ئېيتىلدى. نامازدىن كېيىن يېقىندا نەشردىن چىققان «ئۇيغۇرلار كىم؟» دېگەن كىتابچە جامائەتكە تارقىتىلدى ۋە بۇ كىتاب ھەققىدە بەزى تەشۋىقات خىزمەتلىرى ئىشلەندى.