نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

0:00 / 0:00

12-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەزكۇر مەركىزىدە بىرلىكتە ئوقۇدى.

ئۆمەر ھاجىم نامازدىن بۇرۇن ۋەز ئېيتىپ، ھەجنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرز قىلىنغانلىقى، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش بىلەن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ۋاجىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە ياشلارنى ئۆز ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيۈشكە، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېلىشقا دەۋەت قىلدى.

قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇشىغا، جامائەت ئۆمەر ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇئاغا قول كۆتۈردى. ۋەتىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەتلەر ئوقۇلدى. خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ۋەتەن ئوغلانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاللاھدىن سەبىر تىلىدى.

نامازدىن كېيىن، جامائەت بىرلىكتە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ھېيتنى تەبرىكلەش زىياپىتىگە داخىل بولدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئوسلو تەۋەسىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يېڭى ئېچىلغان قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى نىغمەت تۇرسۇن ھاجىم بۈگۈنكى ھېيتلىق پائالىيىتىدىن ئالغان تەسىراتىنى ئاڭلاتتى.

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان تەلئەت ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ ئىناق -ئىتتىپاقلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى يەنە، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە ھېيتلىق پۇل تارقىتىپ، سەبىيلەرنىڭ ھېيتنىڭ خاسىيىتىنى بىلىشىگە ئاساس سالدى.