8 - ئائۇۋغۇست پەيشەنبە كۈنى مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى بولۇپ، نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشىپ، ئەرلەر ئوغۇللىرىنى،ئاياللار قىزلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئوسلو شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىگە روزى ھېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن جەم بولدى.
ناماز ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرغۇنجان قارىم رامىزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە تەبلىغ قىلدى. ئاندىن رامىزان ئېيىدا بېرىلىدىغان زاكات ۋە سەدىقە پىترە توغرىلىق چۈشەنچە بەردى. شۇندىن كېيىن زاكات ۋە سەدىقە پىترە پۇلى يىغىلدى.
يەرلىك ۋاقىت 09:30 دا باشلانغان ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھېيىت نامىزى تۇرغۇنجان قارىمنىڭ ۋەتەن، مىللەتنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە چىقىشىغا بولغان تىلەك - ئىلتىجالىرى ھەمدە ۋەتەن، مىللەت يولىدا جان بەرگەن ۋە بەدەل تۆلىگەن شېھىت - قەھرىمانلىرىغا ئاتاپ ئوقۇلغان تەسىرلىك دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.
بىز ئوسلودا ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رامىزان ئېيى ۋە روزى ھېيت نامىزىنىڭ قانداق ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەسىراتىغا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مەسچىت ئىمامى تۇرغۇنجان قارىمنى زىيارەت قىلدۇق. تۇرغۇنجان قارىم سۆزىنى «ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن، بىز تۇنجى قېتىم ئۆزىمىز قۇرغان مەسچىتتە ھېيت نامىزى ئوقۇدۇق» دەپ داۋاملاشتۇردى.
نامازدىن كېيىن جامائەت بىر - بىرىنىڭ ھېيىتىنى تەبرىكلەشتى ۋە مەسچىت ئىدارە ھەيئىتى ھازىرلىغان ھېيىتلىق داستىخانغا داخىل بولدى.
0:00 / 0:00