ياۋروپانىڭ كۆپىنچە دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ھازىر نورۋېگىيەدە 1500دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشىماقتا، بۇلار ئوخشىمىغان شەھەرلەردە تارقاق ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ سانلىقى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلۇ شەھىرىدە ئىكەن، ئوسلۇ شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان نۇرۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بۇ مەركەزنىڭ تارمىقىدا ئۇيغۇر جامائەسى نامدا بىر مەسچىت تەسىس قىلىنغان.
ئوسلۇدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مەسچىتكە توپلىشىپ بىرلىكتە ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرگە خىزمەت - پائالىيەتلىرى، ئايلىق سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ مەركەزدە ئېلىپ بارىدىكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ھازىر 500 گە يېقىن ئەزاسى بار ئىكەن، بۇ جەمئىيەت ھازىر ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش بىلەن بىرگە تەلىم تەربىيە ساھەسىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىش، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى يەرلىكىدە قويۇش ئۈچۈن مەخسۇس «جىنازا فوندى» نامىدا بىر فوند تەسىس قىلغان. ئۇلار بۇ فۇندقا ئەزا قوبۇل قىلماقتا ئىكەن. بۇ فوند نورۋېگىيىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى يەرلىكىدە قويۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بىر جەمئىيەت بولۇپ، بۇ جەمئىيەت نورۋېگىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنى ئېتىقادىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ماددى جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئايلىق كىراسىنى مۇشۇ ئىدارە تەرىپىدىن بېرىلگەن ماددى ياردەم بىلەن ھەل قىلىدىكەن
بۇ جەمئىيەت ئوسلۇدىكى ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.
نورۋېگىيىدە ھازىر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى نامىدا قۇرۇلغان بۇ ئىككى جەمئىيەت پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىگىلىنىشىچە نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ بۇ جەمئىيەتنىڭمۇ 500 دىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىكەن، بۇ جەمئىيەت ھازىر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى نورۋىگىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە تونۇتۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلماقتا ئىكەن.