ئانالىزچىلار: نۇر بەكرىنىڭ سۆزى دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش دىنىي رادىكاللىقنى زەھەرلىك ئۆسمىگە ئوخشاتقان ۋە ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل قومۇرۇپ تاشلاشنى تەكىتلىگەن. بىراق ئانالىزچىلار، بۇنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، توقۇنۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «‏1-مارت ‏كۈنمىڭ ۋەقەسى» دىن كېيىن، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ۋە «كۈنمىڭ ۋەقەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە دىنىي رادىكاللىق تۈرتكە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۇر بەكرى دۈشەنبە كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، دىنىي رادىكاللىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل باستۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، نۇر بەكرىنىڭ «5‏- ۋەقەسى» دىن بۇيان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك، مۇقىملىققا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى ئەڭ قاتتىق سۆزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، نۇر بەكرى ماقالىدا ئالغا سۈرگەن پىكىر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇنىڭ مىللىي سىياسىتى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

نۇر بەكرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان رېئال خەۋپ. لېكىن، دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسى 3 خىل كۈچلەر تايىنىدىغان تۇپراق. ئۇ زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى ھۇجۇم قوزغايدىغان ۋە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسلىق قورالى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە» بولۇپ قالغان.

نۇر بەكرىنىڭ ماقالىسى دەرھال چەتئەل ئاخباراتى ۋە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىنىي رادىكاللىق ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى. دىنىي رادىكاللىق بىر خىل ئىنكاس، ئۇنىڭ زوراۋانلىق يولىغا مېڭىشىنى بۇ سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان.

چېن پوكوڭ: ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بۇنچىلىك كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سەۋەبى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەرگىز دىنىي رادىكاللىق ئەمەس. بەلكى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىلىمىز، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا دۇنيادىكى ئەڭ مۆتىدىل مۇسۇلمانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە خاس تۇرمۇش يولىدا ياشاپ كېلىۋاتقان خەلق. ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئاسان. ئۇلار ھەرگىز رادىكال خەلق ئەمەس. ئۇلار يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىق. شىنجاڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تىنچ رايون بولۇپ كەلگەن. بىراق، بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ نېمىشقا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونغا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇ دائىرىلەرنىڭ سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دائىرىلەرنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باشقا بىر خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ياكى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي رادىكاللىق مەۋجۇت ئەمەس. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىكى جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا ئارتىپ قويغانلىق.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن مەن، جۇڭگو ياكى شىنجاڭدا دىنىي رادىكاللىق مەۋجۇت، دەپ قارىمايمەن. بولۇپمۇ، جۇڭگودەك چوڭ خەنزۇچىلىق ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئېتىقادسىز چوڭ دۆلەتنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا باھا بېرىش سالاھىيىتى يوق. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا مەسىلە بار-يوقلۇقى ھەققىدە سۆزلىمەسلىكى كېرەك. بىراق ئۇنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى ئۆزىنى ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرسىتىپ، ئۆزى جاۋابكار بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنغانلىق. «كۈنمىڭ ۋەقەسى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار توقۇنۇشلاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۆلىمى ۋە شىددەتلىك دەرىجىسى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كومپارتىيە ھاكىمىيەت سوراۋاتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى داۋاملىق ھازىرقىدەك جىددىي بولۇپ كەلگەن ئەمەس. ھازىرقى بۇ جىددىيلىك ئۇنىڭ مۇقىملىق سىياسىي كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلبىي نەتىجە، خالاس.

لېكىن نۇر بەكرى «شىنجاڭ گېزىتى» دىكى ماقالىسىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن بارلىق «تېررورلۇق ۋەقەلىرى» نىڭ دىنىي رادىكاللىققا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، «3خىل كۈچلەر» نىڭ دىنىي رادىكاللىقنى كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى، كىشىلەرگە«جىھاد» چاقىرىقى قىلىپ، بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلارغا «جەننەت» كە كىرىش بىلەن ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، رادىكال دىنىي كۈچلەرنى ھالال يېمەكلىك، ھالال كىيىم-كېچەك، ھالال تۇرمۇش بۇيۇملىرى تەلەپ قىلىش بىلەن تەنقىد قىلغان.

نۇر بەكرىنىڭ قارىشىچە، دىنىي رادىكاللار ھالال يېمەكلىك تەلەپ قىلىپلا قالماي ئۇلار يەنە، دورا-دەرمەك، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ۋە كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ھالال بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ئۆي ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ھالال ئەمەس، دەپ ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەزى رايونلاردا «ھالال» ماركىسى بېسىلغان تاۋارلارنى سېتىشنى چەكلەپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرى دىنىي رادىكاللىق بىلەن نورمال مۇسۇلماندارچىلىقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ھالال يېمەكلىك، ھالال تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەلەپ قىلىش دىنىي رادىكاللىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد زۆرۈرىيىتى.

چېن پوكوڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە دىنىي رادىكاللىق بىلەن نورمال دىنىي ئېتىقاد ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن مۈجمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: جۇڭگودىكى ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆزىمۇ نىمىنىڭ دىنىي رادىكاللىق نىمىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئۇلار ئادەتتىكى نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىمۇ رادىكاللىق دەۋالىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىمۇ رادىكال دىنىي كۈچ، مۇئامىلىسى قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تەكشۈرگەندە بىرەرى ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا ياكى قۇرئان ئۆگىنىۋاتقان بولسا دەرھال ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل تەلۋىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشىلىق قىلسا، ئۇلار دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي رادىكاللىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسى مۈجمەل بولغاچقا، بۇنىڭغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلالمايدۇ، دېدى.

لېكىن نۇر بەكرى ماقالىسىدە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بولۇپمۇ، ئاز سانلىق مىللەت ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، ھەر قايسى مىللەت خەلقىنى نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن بىلەن رادىكال دىنىي ھەرىكەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە چاقىرغان.