نۇرىمانخان ئانا:« مەسچىتلىرىمىز تاقىلىپ، پەرزەنتلىرىمىز روزىسىز قالدى»

0:00 / 0:00

ئۆتكەندە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان قەشقەر ئاۋات يېزىسى يالاڭ كەنتىدىكى 72 ياشلىق نۇرىمانخان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئېرى 75 ياشلىق ئەخەتجان بۈگۈن يەنە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يالاڭ كەنتىدە دېھقانلارنىڭ ھازىرغىچە ھاشارغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا كەنتتىكى يەتتە مەسچىتنىڭ ئالتىسى تاقىلىپ، پەقەت بىرلا مەسچىتنىڭ ئوچۇقلۇقىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، نۇرىمانخان ئانا ۋە ئەخەتجان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.