ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ھەققىدە تەۋسىيە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013.12.09
Uyg-balilar-Namaz-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ.
AFP Photo

مەلۇمكى، بالا تەربىيىلەش ئىشى قىيىن ۋە شەرەپلىك خىزمەتتۇر، بولۇپمۇ بالىلارنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن پەخىرلىنىدىغان  قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تېخىمۇ قىيىن ۋە تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

بۇ ماۋزۇدا تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىملاردىن ئوبۇلقاسىم ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئوبۇلقاسىم ھاجىم مۇنداق دېدى: «بالىلىرىمىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە بۇ ئىككىسىنى قوغداش يولىدا بارلىقىنى ئاتايدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىز ئۇلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇش، نەسىھەت قىلىش، تەسىرلىك قىسسىلەرنى ئوقۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىمىز لازىم:

1. بالىلاردىكى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى دوراش ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىۋېلىش ئېقىمىغا قارشى ئەمەلىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دوراشنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىمكى ئۆزىنى باشقا بىر قوۋمغا ئوخشىتىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قوۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن. ئەمما مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرمۇ بار.

مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

بىز مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى، ئىلىم-مەرىپىتىنى، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، سۆزىدە تۇرۇش، مۇئامىلىدە سەمىمىي بولۇشقا ئوخشىغان ئىنسانىي ئەخلاقىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇنى نەدىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر» دېگەن. ئەرەب تىلىدىكى «ھېكمەت» سۆزى «توغرا ئىش، توغرا سۆز ۋە پايدىلىق ئىلىم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۈنەر-كەسىپنى ۋە توغرا ئىشلارنى نەدە بولسا تېپىپ ئۆگىنىشكە ۋە قىلىشقا بۇيرۇلغان.

2. بالىلاردىكى ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىندىن يىراقلىشىش، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمەسلىك ۋە ئۆز مىللىتىگە مەنسۇپ بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىق روھىي ئىللەتلەرگە خاتىمە بېرىش يولىدا يېتەرلىك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

3. بالىلار ئارىلىشىدىغان، بىرگە ئوينايدىغان ۋە بىرگە ئوقۇيدىغان ياكى بىرگە ئىشلەيدىغان دوستلىرىنى كۆزىتىپ، بالىلارنى دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز دوستلاردىن يىراق تۇتۇش لازىم. چۈنكى مۇنداق دوستلار بالىلارنى بۇزۇپ قويىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىنتايىن ئېسىل بىر تەبىر بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ياخشى دوست بىلەن يامان دوستنىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى بىلەن تۆمۈرچىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز، ئۇ سىزگە ئىپار بېرىدۇ، ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسىز، ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ خۇشبۇيىنى پۇرايسىز. تۆمۈرچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز، ئۇ باسقان كۆرەك كىيىمىڭىزنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن بەتبۇي سېسىق پۇراقنى پۇرايسىز .» ئەجدادلىرىمىزمۇ «قازاننىڭ قېشىغا بارماڭ قارىسى يۇقار، ياماننىڭ قېشىغا بارماڭ بالاسى (يۇقار)» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرۇش ئارقىلىق ئەۋلادلىرىنى يامان ئادەملەر بىلەن دوست بولۇشنىڭ خەتەرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

4. بالىلارغا ھاياتنى ئەسلى ماھىيىتى بويىچە توغرا چۈشەندۈرۈش.

بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا «ياق» دېيىشنى بىلمەيدۇ، نېمە سورىسا، ئۇنى ھازىرلاپ بېرىدۇ، ھەتتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مۇنداق قىلىش بالىلار ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپ، ئۇلار «نېمىنى خالىسام ئېرىشەلەيمەنغۇ» دېگەن قانائەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ھاياتلىقنىڭ قىيىن سىناقلىرىغا دۇچ كەلگىنىدە ئاسانلا بەل قويۇپ بېرىپ، ئاددىي بىر قىيىنچىلىق ئالدىدا يېڭىلىپ قالىدۇ.

شۇڭا بالىلارنى بەزىدە سورىغان نەرسىلىرىدىن ۋاقىتلىق مەھرۇم قىلىشمۇ تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن  بىرى سانىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا ھاياتلىقنىڭ راھەت ۋە جاپالىرىنى، ئوڭايلىق ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى كىچىكىدىن بىلدۈرۈپ مېڭىش كېرەك. قىسقىسى، بالىلارغا ھاياتلىقنىڭ رېئاللىقلىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىش كېرەك.

5. قىز-ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەر بىرىنى ھاياتلىقتا ئۆزلىرىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆتەشكە ئادەتلەندۈرۈش. چۈنكى، بالىلارنى ئاسراش باھانىسى بىلەن ئۇلارنى ئىشقا سالماسلىق ياكى ئۈستىگە مەسئۇلىيەت ئارتماسلىق بىر خاتالىقتۇر. بالىلارنى كېيىنچە، قىينىلىپ قالمىسۇن دېگەن ئاتا-ئانا ئۇلارنى كىچىكىدىن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشى لازىم.
6. ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىدىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىش.

بالىلارغا بۇ ماۋزۇدا ئەڭ دەسلەپ ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولغىنى ھالال-ھارام مەسىلىسىدۇر. ئۇلارغا كىچىكىدىنلا ھارامدىن قېچىش، تېلېۋىزوردىكى ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەرگە، گېزىت-ژۇرناللاردىكى يېرىم يالىڭاچ رەسىملەرگە قارىماسلىق، ئەخلاقنى بۇزىدىغان مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە شۇنى سىڭدۈرۈش ۋە شۇنداق ئادەتلەندۈرۈش كېرەك.

شۇ ئېنىقكى، بالىلارنى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن ۋە تېلېۋىزور كۆرۈشتىن، ئىنتېرنېتقا كىرىشتىن مۇتلەق توسۇش ياخشى ئەمەس، ھەم توسقىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت بۇ نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىپ، سەلبىي تەرەپلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى ئۆگىتىش ئەڭ توغرىسىدۇر.

7. بالىلارغا ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ئۆزلىرىنىڭ تالانتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ۋە بوش ۋاقىتلىرىنى پايدىلىق ئىشلار بىلەن تولدۇرۇشنى ئۆگىتىش.

ئەجدادلىرىمىز «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» دەپ توغرا ئېيتقان. بالىلارنى بوش ۋاقىتلىرىنى پايدىلىق تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ۋە مەشىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەندۈرۈش زۆرۈر. چۈنكى بالىلار ئۆزلىرىدىكى زاپاس ئېنېرگىيىنى سىرتقا چىقىرىشنى خالايدۇ. ئۇلار بۇ ئېنېرگىيىنى پايدىلىق ئىشلارغا چىقارمىغاندا، ھارام ئىشلارغا چىقىرىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار ھارامغا كۆزىنى ئېچىشتىن ئاۋۋال ئاتا-ئانا ئۇلارنىڭ كۆزىنى ھالال ۋە پايدىلىق ئىشلارغا ئېچىشى لازىم.

8. بالىلارنى ۋىجدانلىق، مەسئۇلىيەتچان قىلىپ تەربىيىلەش.

بالىلار ئائىلىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدىن تارتىپ ھاياجانلىنىش، ھېسسىياتقا كېلىش، سۆيۈنۈش، نەپرەتلىنىش، ئىچ ئاغرىتىشقا قەدەر پۈتۈن ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزىتىدۇ ۋە ئەينەن تەقلىد قىلىشقا تىرىشىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش، زالىملاردىن نەپرەتلىنىش، ئۈلگىلىك كىشىلەرنى ماختاش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىش، توغرا سۆز قىلىش، ھەقىقەتنى قوغداش قاتارلىق بارچە خىسلەتلىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە شۇ بويىچە يېتىشىدۇ.

ئاتا-ئانىلار ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆز قىلىشتا بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ۋىجدانىي دەرسلەرنى بېرىپ، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالادىن قورقۇشنى، ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇشنى، ھەقنى دادىل سۆزلەشنى، يوقسۇللارغا ۋە يېتىملەرگە ھېسداشلىق قىلىشنى، قولىدىن كەلسە ياردەم قىلىشنى سۆز بىلەن ۋە ئىبرەتلىك قىسسىلەرنى ئوقۇپ بېرىش بىلەن ئۆگىتىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، بالىلارنى ۋىجدانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.