پاكىستاندا شىئە مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىش ۋەقەسى سادىر بولدى

شەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىدە ھازارا شىيە مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بىر قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 81 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ناۋاب زۇلفىقار ماقسى پاكىستان خەۋەر ۋاسىتىلىرىگە بايانات بېرىپ، بىخەتەرلىك ساھەسىنى تەنقىد قىلغان.


ئۇ بىخەتەرلىك قوشۇنلىرىغا ئەسەبىي كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەنلىكى، بىراق بۇنىڭ نەتىجىسى بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ ئۆلكە باشلىقى يەنە ئىستىخبارات ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنى قابلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن،

بالۇچىستانداق يۈز بەرگەن شىيەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى بالۇچىستان ئۆلكە باشلىقھا تېلېفون بېرىپ، بۇ جايدىكى ھازارا شىيە مۇسۇلمانلىرىنى بىرلىكتە قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

بېلۇچىستاندا شىيەلەرگە بومبا ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى بۇ يىل 1 - ئايدا بىر قېتىم يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 92 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ھازارالار ئافغانىستاندىكى ئاساسلىق ئۈچ مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشايدۇ. ھازارالار 13 - ئەسىردە جەنۇبىي ئاسىياغا كىرگەن چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئەسىرلەردىن بېرى كۆپىيىپ ئايرىم بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن، ھازارالار پارىس تىلى ئىشلەتسىمۇ، بىراق چىراي - تۇرقى تۈركىي تىللىق ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدۇ. دىنىي جەھەتتىن ئىسلام دىنىنىڭ شىيە مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر.