13-سېنتەبىر پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە قۇربانلىق ھېيتلىق خەير-ساخاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
راۋالپىندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن بۇ شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا قۇربان ھېيتلىق خەير-ساخاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.
راۋالپىندى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن مۆھسۈنخان پائالىيەت ھەققىدە توختالدى.
مۇستەقىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئابدۇقېيۇمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ۋەتىنى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ۋە شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن دوكلات بېرىلگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى ئاخشىمى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان.
راۋالپىندى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇلئەھەدخان بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن ئۆزىنىڭ ۋە ۋەتەنداشلىرىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇقېيۇمنىڭ دېيىشىچە، ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى راۋالپىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتلىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، راۋالپىندىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە، شۇ كۈنى كەچتە ئۇيغۇرلارغا خىتاي ئەلچىخانىسىدا قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەن داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.