قاراماي شەھىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر 2007-يىلدىن باشلاپ قاراماي شەھەر كۆلىمىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە قاراماي شەھىرىگە قاراشلىق 5-زاۋۇت، نېفىت سىناش، 3-زاۋۇت قاتارلىق رايونلاردىكى ئىشچى -خىزمەتچىلەر ئاھالىلىرىنى قاراماي شەھەر ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىرگەن ئىدى.
دائىرىلەر كۆچكەن رايوندا خەلققە قۇلاي ئورۇنلارنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولغان ھازىرقى رايوندىكى مەسچىتلىرى تاقالسا، شۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدىكى مەسچىتلەرنى سالدۇرۇپ بېرىشكە ۋەدىلەرنى قىلغان ئىدى.
ئەمما، ھازىر قاراماي شەھەرلىك يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قىلغان ۋەدىسىگە 6 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، 5-زاۋۇت ۋە نېفىت سىناش رايوندىكى مەسچىتلەر تاقالغان، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا قاراماي شەھەر ئىچىگە مەسچىت سېلىپ بېرىش ۋەدىسى تېخىچە ئەمەلىيلەشمىگەن.
بىز بۇ توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىگە قاراشلىق 3-زاۋۇت مەسچىتىنىڭ ئىمامىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. بىز يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 3-زاۋۇت مەسچىتى ئىدارە ھەيئەت مەسئۇل خادىمى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قاراماي شەھىرىدىكى يەرلىك دائىرىلەر «قاراماي شەھىرىگە مەسچىت سېلىش ئىشلىرىدا يەر يوق، مۇقىملىققا تەسىر يېتىدۇ» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن مەسچىت سېلىشنى چەكلەپ كەلگەن.