بىز قاراماي شەھىرىدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاراماي رايونىدىكى مەسچىتلەردە جۈمە كۈنىدە ئوقۇلىدىغان خۇتبە مەزمۇنىنى ئىماملارغا تەييارلاپ پەيشەنبە كۈنى قولىغا بېرىدىغانلىقى، ئىماملارنىڭ جۈمە كۈنىدە جامائەتكە تەييارلاپ بەرگەن خۇتبىنى ئوقۇپ بېرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
ئىنكاسلاردىن، قاراماي شەھەرلىك، قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، قاراماي شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا قاراماي شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەسچىتلەرنىڭ خىزمىتىنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇتقانلىقى،دائىرىلەرنىڭ ئىمام ۋە مەسچىت ئىدارە ھەيئەتلىرىگىمۇ ئىشەنچ قىلمىغان ھالدا، ئىماملارنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ھەر جۈمە كۈنى جامائەتكە سۆزلەيدىغان جۈمە خۇتبىلىرىنى ئالدىن تەييارلاپ بېرىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بىز تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن، قاراماي شەھىرىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ئىمامى ۋە مەسچىتنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىنى زىيارەت قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاراماي رايونلۇق شىمالىي قۇرۇلۇش مەسچىتنىڭ ئىمامى ھاجى ئەكبەر جۈمە كۈندە ئوقۇلىدىغان خۇتبىلەرنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزنى جاۋابلاندۇردى.
قاراماي رايونىدىكى «1-زاۋۇت» مەسچىتىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان جۈمە خۇتبىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
بىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى دەلىللەش ئۈچۈن قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن جۈمە كۈنىدە ئوقۇلىدىغان خۇتبىنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم تۇرسۇنجاننى زىيارەت قىلدۇق.