قارامايدا ياشلارنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى مۇھەممەتجان ئابدۇللا (1)

0:00 / 0:00

قاراماي شەھىرىدىكى ياشلارنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ دىنىي تەشۋىقات تەربىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان دەۋەتچى مەرھۇم مۇھەممەتجان ئابدۇللا 1975-يىلى خوتەن شەھىرى گۇما ناھىيىسى قارا تاغىر يېزىسىدا بىر دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

1994-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى توغرا دىنىي ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىگە كەلگەن.

ئۇ ئالدى بىلەن كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ناۋايخانىدا، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونىدا بىر مەزگىل تۇرغان. بۇ يەردە بىر نەچچە ئۆسمۈر بالىلارنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بارغان.

1995-يىلى يىلنىڭ بېشىدا قاراماي شەھىرىدىكى ئابدۇللا ئىسىملىك ياش بىلەن تونۇشۇپ، قاراماي شەھىرىدە دىنىي تەشۋىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.

ئابدۇللا مۇھەممەتجان بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى ئۇستاز تۇتۇپ دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلىگەن ۋە ئىزچىل تۈردە مۇھەممەتجان بىلەن بىرگە دىنىي دەۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

بىز مۇھەممەتجان ئابدۇللا توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىر مەلۇم بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان، شاھىت ئابدۇللانى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مەرھۇم مۇھەممەتجان ئابدۇللانىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.