قازاقىستانلىق دىنىي زات سەدىردىن ھاجىم: بىز ھەم ئىسلامنى، ھەم ئەدەب - ئەخلاقنى تەرغىپ قىلىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.07.03
qazaqistan-uyghur-almata-din-2015.jpg قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىشى
RFA/Oyghan


قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن بۇيان ئۇنىڭ پۇقرالىرى بىلىم تەھسىل قىلىش، كەسىپ تاللاش، ئېتىقاد قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە باشقىمۇ ھوقۇقلارغا ئىگە بولدى.

مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ھوقۇقلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ باشقىمۇ مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا روزا تۇتۇش، مەسچىتكە بېرىش، ئۆز دۇئالىرىدا ئەركىنلىك، تىنچلىق، ئادالەتلىك، مۇستەقىللىق تىلەش ئوخشاش نىيەتلىرىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ «دوستلۇق» كافېخانىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئىپتار زىياپىتىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر ئىپتار قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ۋە «ئېھسان» ژۇرنىلىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر قارىملىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلتانقورغان مەھەللىسىنىڭ باش ئىمامى سەدىردىن ھاجىم ئىسلام قەدرىيەتلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

- بۇ قارىملار جەمئىيىتى قاچاندىن بېرى ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ قىسقىچە توختىلىپ كەتسىڭىز.

- بىز بۇنىڭدىن تۆرت - بەش يىل ئىلگىرى مۇشۇ دىنىي ساھەدە ئوقۇپ كەلگەن بالىلار باش قوشۇپ، قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسىغا ئەرز يېزىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا دىنىمىزنى يەتكۈزسەك، ئانا تىلىمىزدا تەشۋىقات يۈرگۈزسەك، دەپ رۇخسەت ئالغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن بېرى بىز كىتابلارنى چىقىرىشقا باشلىدۇق، كېيىنىرەك «ئېھسان»ژۇرنىلىنى يولغا سالدۇق. بىز پەقەتلا كىتاب، ژۇرنال چىقىرىش ئەمەس، بەلكى تەشۋىقات يۈرگۈزۈش، يىتىملارغا ياردەم قىلىش، ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بالىلىرىنى تۈركىيەگە مەيلى دىن ساھەسىدىن بولسۇن، مەيلى پەن جەھەتتىن بولسۇن، مەسىلەن، 28 ئوغۇل بالىنى، ئىككى - ئۈچ قىز بالىنى ئەۋەتتۇق، مۇشۇنداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىمىز.

- بۇ ئىشىڭلاردا ئېغىرچىلىقلار بولدىمۇ؟

- خىزمەت قىلىش جەريانىدا خېلە ئېغىرچىلىقلار بولسىمۇ، بىراق سەۋىر - تاقەت بىلەن ئۆز تىلىمىزدا قانداق ماتېرىيال بولسۇن، دىن تەشۋىقاتلىرى بولسۇن، مەيلى ۋەتىنىمىزگە، دىنىمىزغا پايدا بولسۇن، شۇ جەھەتلەردە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىشلەۋاتىمىز.

- مەزكۇر «ئېھسان» ژۇرنىلى كىم تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتىدۇ؟

- «ئېھسان» پەقەت ئۇيغۇر قارىملىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يورۇق كۆرۈۋاتىدۇ. بىرسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، بىرسى مىسىردا، تۈركىيەدە، پاكىستاندا ئوقۇپ كەلگەن، ئەنە شۇلار دىنىي باشقارمىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ.

- ژۇرنال پەقەت قازاقىستان دائىرىسىدىلا تارقىتىلامدۇ ياكى باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ چىقامدۇ؟

- ھەر قانداق دۆلەتكە تارقالسا بولىدۇ. ئامما چامىمىزنىڭ كېلىشىچە ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا تارقىتىپ ئۈلگۈرىۋاتىمىز. ئىقتىساد جەھەتتىن يېتىشمەسلىك بولغاچقا، ژۇرنالنى ئۆزىنىڭ باھاسىغىلا بېرىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئىچىدە سېتىلىدىغىنىمۇ، سېتىلمايدىغىنىمۇ بار. ژۇرنالنىڭ تارقىلىشى بىر ئاز ئاسقاقلاپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىنىدىغانلىقىغا كۆزىمىز چوقۇم يېتىدۇ، چۈنكى بۇ بىردىن - بىر دىنىي ژۇرنال. قازاقىستاندا مۇنداق ئۇيغۇر تىلىدا، بولۇپمۇ كىرىل يېزىقىدا چىقىدىغان ژۇرنال يوق. ئۇنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىمىز.

- ئۇنى تارقىتىشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ كەتتىڭىز. ئەمدى ئۇنى يەنىمۇ كۆپەيتىشنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟

- سەۋەبى دىنغا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھەر خىل ساھەلەرگە، ئېقىملارغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئېقىملارنىڭ زىيىنى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا تېگىۋاتىدۇ، پايدىسى بولسا، شۇ غەيرى دىندىكىلەرگە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن دۈشمەنلىرىمىزمۇ پايدىلىنىۋاتىدۇ.

- ئۇنداقتا، بۇ ژۇرنالنىڭ مەقسىتى نېمىدە؟

- «ئېھسان» نىڭ مەقسىتى - ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى، قەدىمىدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلىرى بولسۇن، مۇشۇنىڭدىن چەتنەپ كەتمىگەن ھالەتتە، شۇنداقلا بىر ئۇقۇملۇق دىن بولسا، شۇ ۋاقىتتا ئىتتىپاقلىقىمىز بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلار ئازىيىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز مۇستەھكەم باش قوشسۇن دېگەن مەقسەت بىلەن بىر ئەقىدە ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.

- چۈشىنىشىمچە، بۇ ژۇرنال پەقەت دىننى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، ئەدەب - ئەخلاقنىمۇ كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولۇشى كېرەك؟

- بىرىنچىدىن، ئىتتىپاقلىققا بىز ئەنە شۇ ئەدەب - ئەخلاق ئاستىدا ئېلىپ كېلىمىز. ھەر قانداق بىر ئىبادەت ئەدەب - ئەخلاق بىلەن بولىدۇ. بىز ھەم ئىسلامنى، ھەم ئەدەب - ئەخلاقنى ئۆگىتىمىز.

- ئەمدى ياشلارچۇ؟ ئۇلار سىلەرنىڭ بۇ ئىشلىرىڭلارنى قوللاۋاتامدۇ؟

- ياشلىرىمىزنىڭ 80 پىرسەنتى بۇنىڭغا ياخشى كۆز قاراشتا. بۇنى چۈشەنگەنلەر ئۆزلىرى ئوقۇشنى بىلمىسىمۇ، ئوقۇمىسىمۇ ئۆزىنىڭ دىنىغا، مىللىتىگە كۆيۈنۈۋاتقانلارمۇ بار. شۇنداق قېرىنداشلىرىمىز باركى، ئۆز پۇلىغا تارقىتىدۇ. بىرىنچىدىن، ساۋاپلىق ئىش دەپ بىلسە، ئىككىنچىدىن، مىللىي تىلىمىزدا دىننى تارقىتىۋاتقانلىقىغا خۇرسەن.

- ژۇرنالنىڭ مەزمۇن، ماۋزۇ دائىرىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش يۆنىلىشىدە قانداق ئويلىرىڭلار بار؟

- بىزنىڭ ئۇنداق مەقسەتلىرىمىزمۇ بار. مەسىلەن، پەن ساھەسىدە ئوقۇغان، ئامما دىنىي شېئىرلارنى يازىدىغانلارنىمۇ، زىيالىيلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىش قارارىغا كېلىۋاتىمىز. مەيلى ئانا، ئاتا توغرىلىق بولسۇن، قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت، مىللىي غۇرۇر، ۋەتەن غۇرۇرى بولسۇن، بۇلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ماۋزۇلىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.