17-مايدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس ۋە خاسىيەتلىك بولغان رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىپ، روزا تۇتۇش ئوخشاش مۇقەددەس پەرزىنى ئادا قىلىشقا كىرىشتى. ھازىر قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا مەسچىتلەر سېلىنغان بولۇپ، ئەلنىڭ باشقىمۇ مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.
بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قانداق شارائىتتا، قانداق كەيپىياتتا كۈتۈۋالدى؟
دىنىي زات، تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان مىللىيونلىغان مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ رامىزان ئېيىنى چوڭ ھاياجان ئىلىكىدە قارشى ئېلىۋالغان ئىكەن. ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەر بىر مەسچىتتە تەرەۋىلەر ئوقۇلۇپ، ئۇلاردا 400-500 كىشىلىك ئىفتارلار بېرىلىۋاتقان ھەم كىشىلەر شۇلارغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا روزا تۇتماقتۈگۈر، ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەپ بىر-بىرىگە سالىمىنى بېرەلمەيۋاتىدۇ. ناھايىتى ئېغىر. بولۇپمۇ بىز بىلىدىغان غۇلجا تەۋەسىدىكى كۆپ كىشىلەر لاگېرلاردا. ئۇ خىتايلار بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ نومۇسىغىمىزغا بەك تەككىدەك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تارىختا بولمىغان ئىشلارنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ لاگېرلارنى يېپىشنىڭ ئورنىغا يەنە ئېچىۋاتىدۇ. تەربىيەلەيمىز، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىمىز دەپ ئېلىپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ، تىرىكىمۇ يوق».
تۇرسۇن ئارزىيېف ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تامامەن مەنئى قىلىنغانلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىقلارنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2005-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن كۆچۈپ چىققان، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان قەيسەر ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئەركى بىلەن روزا تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا، ھەتتا بەزىدە چېكىدىن ئاشقان كەمسىتىشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە رامىزان ئېيىدا ياخشى ئۆمۈر سۈرۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئەنە شۇنداق ئۆمۈرنى تىلەيمىز. سەۋەبى مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىر-بىرىگە شۇنداق تىلەك ئېيتىش كېرەك. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئارىلاشقان. ئۆزۈمنىڭ بىر تۇغقان ھەدەمگە بىر ئۇيغۇر بوۋاي مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ ئوغلى تۈرمىدە ئۆلۈپ قېلىپ، ئۇنى يەرلەش ئۈچۈن 70 مىڭ يۈەن تۆلىگەن. بۇ قازاقىستاننىڭ ئاخچىسىدا 2 مىليون تەڭگە ئەتراپىدا ئىكەن. مۇنداق پۇلغا ئىككى يىل ياخشى ھايات كەچۈرۈشكە بولىدۇ. شۇ ئاخچىسىنى تۆلەپ، يەرلەپ كېلىۋاتقاندا ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن سىرىلىپ كېتىپ، ‹بىسمىللا›، ‹ئاللاھ› دېگەن ۋاقىتتا بىر خىتاي تۇتۇۋېلىپ، ‹سەن نېمە دېدىڭ؟ سېنىڭ خۇدايىڭ ئاللاھ ئەمەس، سېنىڭ خۇدايىڭ پارتىيە. سەن ئاللاھ دېدىڭ› دەپ، ئۇ بوۋاينىمۇ ئاپىرىپ قامىغان ئىكەن. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ ئۇيغۇر بوۋايمۇ ئۆلۈپ كەتتى. ھازىر ئۇ ياقتا دىن جەھەتتىن ناھايىتى قىسىۋاتىدۇ. مەسچىتلەرنى يۈز پىرسەنت دېگۈدەك ياپقان. »
قەيسەر يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەردىن بولغان دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ تامامەن ئۈزۈلگەنلىكىنى، يېقىندا ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم تۇغقانلىرىنىڭمۇ قامالغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «دادامنىڭمۇ سادىقجان، قۇرۋانجان دېگەن كۆپ دوستلىرى بولغان. بىز تۇرغان 10-مەھەللىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ھازىر بىرمۇ چوڭ ئەر كىشى قالماپتۇ. ئۆيلەردە قالغانلار پەقەت كىچىك بالىلار ۋە ئايال كىشىلەر. نېمە ئۈچۈن ئەركىنلىك بەرمەيدۇ؟ بۇ ھەقتە مەن پات-پات ئويلايمەن. ھازىر ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم› دەپ سالام بېرىشنىمۇ مەنئى قىلدى. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارمۇ، قازاقلارمۇ قىينىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئەڭ ئېغىر كۈن كۆرۈۋاتقانلار بۇ ئۇيغۇرلار. بىز، قازاق خەلقى، ئەڭ بولمىغاندا ۋارقىراپ بولسىمۇ، بىر ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. مېنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمىتى بولمىغانلىقتىن بىز ئوخشاش ۋاقىرالمايدۇ. ۋارقىراپ چىققاننىڭ بارلىقىنىڭ بېشىنى كېسىۋالىدۇ، تۈرمىگە قاماۋاتىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، ئېلىمىز بولغان بىلەن خىتاي بىزنىمۇ ھۆرمەتلەپ تۇرغىنى يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ پرىنسىپى - فاشىزمنى ئالدىغا قويغان».
قەيسەر بىر يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ياقتا قازاق بولسۇن، ئۇيغۇر بولسۇن، بارلىق مۇسۇلمانلار ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن نۇرقارى دېگەن ئۇيغۇر كىشى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ كىشىنىمۇ تۇتۇپ كېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، ئەمدى كۆرەلەيمەنمۇ، كۆرەيلمەيمەنمۇ دەپ، ئۇ كىشى بىلەن يىغلاپ خوشلاشقان ئىدىم. ئەمدىكى مېنىڭ ئارمىنىم شۇ ياقتىكى ھەر بىر مىللەت ئۆز ئەركىنلىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالسا دەيمەن. قازاق بولسۇن، ئۇيغۇر بولسۇن، بارلىقىنى ھازىر تۈرمىلەرگە قاماۋاتىدۇ. ‹نېمە ئۈچۈن؟› دەپ سوراشقىمۇ بولمايدۇ. سورىساڭ بالاغا قالىسەن».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، ئۇيغۇر، تاتار ۋە باشقىمۇ مۇسۇلمان خەلقلەر قەدىمىي دەۋرلەردىن ئىجتىمائىي، مەدەنىي، دىنىي جەھەتلەردە بىر-بىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ كەلگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىققا ئىگە بولدى. مەزكۇر مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان مىللىيونلىغان مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. ھازىر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىدە ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرىدىكى بارلىق مەھەللە ھەم يېزىلاردا مەسچىتلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، مەسىلەن، ئۇيغۇر ھامىيلىرىنىڭ خىراجىتىگە سېلىنغان مەسچىتلەرمۇ بار. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قاراتۇرۇق يېزىسى، ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسى، پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەند شەھىرى ۋە باشقىمۇ يېزىلاردىكى مەسچىتلەر شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
ئالمۇتادا قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى دىنىي باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا چىقىدىغان «ئېھسان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئادىلجان ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، ھەر خىل شارائىتتا ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، دىنىي ئەنئەنىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سوۋېت دەۋرىدە بەك قىيىنچىلىقلار بولغان. دىننى ئەپيۈن دەپ، پۈتكۈل دىندار ئىنسانلارنى يوق قىلغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئۆتەيدىغان ئادەملەرنىمۇ جازالاپ، كەينىدىن جاسۇسلارنى سالغان. مەسچىتلەرنىمۇ يوق قىلدى. بەزىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىدە ئىشلەتتى. ئۇ ۋاقىتلارغا قارىغاندا ھازىرقى زاماننىڭ ئاسمان بىلەن يەردەك پەرقى بار. ھازىر دىنىي ساھەدە ھەر خىل ئەركىنچىلىكلەر بار. بىراق دىنىي ئېقىملارغا كىرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بەزى بىر توسالغۇلار، چەكلىمىلەر بار. ھازىرقى كۈندە ئۇ چەكلىمىلەردىن چىقىپ كېتىشمۇ شەرت ئەمەس. مۇشۇ چەكلىمىنىڭ، چەمبەرنىڭ ئىچىدە قانچىلىك خىزمەت قىلساق، شۇنىڭ ئۆزى بىز ئۈچۈن يېتەرلىك».
ئادىلجان ھاپىزوف قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىدىن تاشقىرى، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنمۇ ھازىرقى كۈندە مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ، تور بەتلىرىنىڭ، مىللىي تىياتىرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ شۇنىڭ بىر يارقىن ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
رامىزان ئېيى باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل كوللېكتىپلىق ئىپتارلىشىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلماقتا. شۇلارنىڭ بىرى 19-مايدا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان مەسچىتتىمۇ ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەت بىر قاتار ساخاۋەتلىك ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.
0:00 / 0:00